ئەنبەھ (ماڭگو) تاتلىق ۋە يېيشلىك مېۋە. يېقىندا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئەنبەھنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى مۇنۇ نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىدى:
راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: ئەنبەھتە تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا ۋە ھەر خىل ۋىتامىن مول، بولۇپمۇ ئەنبەھتىكى كەتىرا بىلەن تاننىك كىسلاتا سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى ۋە مەزى بېزى راكىغا تاقابىل تۇرىدۇ.
چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ: ئەنبەھتىكى ۋىتامىن B6 نېرۋا سىستېمىسى بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ خىزمىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭدىكى گلۇتامىن ئادەمنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
جىگەرنى قوغدايدۇ: ئەنبەھتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋلار جىگەردىكى توكسىننى تازىلايدۇ.
خولېستېرىننى پارچىلايدۇ: ئەنبەھتىكى يېمەكلىك تالاسى بىلەن مېۋە يىلىمى قاندىكى خۇلېستېرىننى پارچىلاپ يوقىتىدۇ.
ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا پايدىلىق: ئەنبەھتىكى يېمەكلىك تالاسى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى كېرەكسىز ماددا ۋە توكسىننى ھەيدەپ، ئۈچەيدىكى پايدىلىق باكتېرىيەنى كۆپەيتىدۇ. بىراق، ئەنبەھتە كالىي مول، شۇڭا ئۇنى كۆپ يېسە، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇقلۇقى بۇزۇلۇپ، قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ.