تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قاملاشمىغان پاراڭ

 

شئېر يېزىپ يۈرگەن ئىدىم ،   تۇيۇقسىزلا بىر قانچە ئېغىز قاملاشمىغان گەپ قىلغۇم كەلدى . چۈنكى ئاڭلىسام قاملاشمىغان گەپ  بازىرى ئۆسۈپ قاپتۇ . چۈنكى قاملاشمىغان گەپ قىلغان ئادەمگە  ھېچكىم خاپا بولمايدكەن، ئادەم بىر خىل پەيزى گەپ قىلۋالىدكەن ، ئىناۋىتمۇ ھەم ئۆسۈپ قالىدكەن . شۇنىڭ بىلەن قاملاشمايدىغان گەپ قىلىشنى ئۆگىنەي دەپ ئويلىدىم . توۋا خۇدايىم ، بۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قاملىشدغان گەپ قىلىپ كۆنۈپ قالغاندا ئادەمنىڭ ئاغزىمۇ قاملاشمىغان گەپكە قاملاشمايدىكەن  . شۇنداق تولغاپ باقتىم ئېغىزىمنى ھېچ بىر گىپىم قاملاشمايدىغاندەك ئەمەس ، ساپلا نۇرمال ئادەمنىڭ گىپىدەك چىقىۋاتىدۇ . قانداق قىلاي يۇرتۇمدا شۇنداق گەپ قىلىدغانلاردىن ئۆگىنەي دىسەم ، ھازىر كوچا -كويلاردا بۇرۇنقىدەك قاملاشمايدىغان گەپ قىلىپ ئاپتاپ سۇنىدغانلار قالماپتۇ . ھەتتا بۇرۇن  قاتتىق نام ئالغان قاملاشمايدىغان گەپ قىلىدغان ھېلىقى ساراڭمۇ يەكەنگە بېرىپ تىۋىپلىق قىلىمەن دەپ يوقاپ كىتىپتۇ ، بەلكىم بازار چاققاننىڭ دىگەن شۇ بولسا كىرەك . ئەمدى بىر تاغا گەپ قىلىپ ئارىسدىن تۇتامغا چىققۇدەك گەپ تاپقىلى بولمايدغان قاملاشمايدىغان گەپ قىلىدغانلار ھەم بازارلىق ھەم ئالدىراش بوپ كىتىپتۇ . نىمە ئامال ! ئامال بولسىمۇ بۇ ئاماللارمۇ قاملاشماي يەنە شۇ كونا پەدەمدە قالدىم . يا قاملىشدغان گىپىم قاملاشماي يا قاملاشمايدغان گىپىم قاملاشماي گەپ قىلسام تولا توختاپ قالىدغان بولۇپ قالدىم ، گاھىدا ئانچە مۇنچە كىشىلەر تازا قاملاشمايدغان گەپ قىلىدغان ئاداشكەن جىما ماۋۇ دىسە خوش بوپ كىتىمەن . ئوغۇل بالاغا قانچە خىل ھۈنەر بولسا ئاز دەپ بىر ماقال تەمسىلىمىز بارتى شۇنىڭغا بولسىمۇ چۈشۈپ قالدىغان چېغىم بۇ ھۈنەردىن ئاز تولا ئۆگىنۋالدىم .
ئادەملەرنى ئاز -تولا كۈلدۈرۈپ قويسا ئىناۋىتى باشقىچە بولدىكەن ئادەمنىڭ ، بىر كۈنى بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئانىسى تۈگۈپ كىتىپتىكەن . بىر چاغلاردا ئۇچراپ قېلىپ ئاداش ئانىسدىن ئايرىلغان ئوغلاقتەك بولۇپ كىتىپسىلە دىسەم ، ھىجاراپ كەتتى . شۇنىڭدىن كىيىن مىنىى نەدە كۆرسە شۇيەردە سالام بىرىپ ماڭىدۇ . بۇرۇن ئاداش ئاتا -ئانا دىگەننى قەدىرلەپ ھۆرمەتلەش كىرەك دىسەم ھومىيىپ يۈرەتتى . ئىشقىلىپ يول چىقتى .  
سورۇن ، توي -تۆكۈن نەزىر چىراغلاردا ئىناۋىتىم كارامەت بولاپ قويىدۇ دە . توي دىمەي ، نەزىر دىمەي چاقچاق قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىۋىرمەن . پولۇ -خورداق ، سەي -تاماقلار كىلىۋىردۇ . يەۋىرمەن . ئىشقىلىپ مۇشۇ چاققىچە بىرەرسى كىلىپ :"ھوي ئاداش نىمانداق قاملاشمىغان گەپ قىلىدغان ئاداشسەن "دىمىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن يۇرىت -ئىچىدە مۆتىۋەرلەردىن بولۇپ قالدىم . بىر چاغلاردا باشلانغۇچتا ئۆگىنىۋالغان بىلىملىرىم بىلەن ۋە يەنە ناھىيدە رىمونىتچى بولغاندىكەن .ماشنا ، موتۇ ، ۋېلسىپىت ھەرقاندىقىنى تۈرگەئايرىپ بىرىمەن . دۇنيادىكى ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان دۆلەتلەردىكى چوڭ ئىشتىن تارتىپ ،مەھەلە كويلاردىكى ئىشلارغا مەن بىر قۇردىن پىكىر يۈرگۈزىمەن . بىر چاغدا دىيەنشىدە دىگەن بىر ئېغىز گەپ مىنىڭ گىپىمگە ئازراق ئوخشاپ قاپتى . شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئىناۋىتىم ئاشتى . شۇندىلا ئۆزۈمنى تېخى ھەقىقى تونۇمىغانلىقىمنى ، ئۆزۈمنىڭ بىر كۆمۈلۈپ قالغان مەرۋايىت ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىشقىىلىپ ئىشلرىم بۇرۇنقىدىن قاملاشمايدىغان بولۇپ قالدى . سۆزلىرىمممۇ ھەم ...........................ئەمما ئۇيقۇم قاملىشدۇ . ئالدىراش بولۇپ كەتكەندىكىن ئادەم كرىپلا ئۇخلايدىغان گەپ بۇرۇنقىدەك ئونبىرگىچە دىيەنشى كۆرۈپ ئوتتتۇردىغان ئىش يوق ، كرىمەن ، پوكلا چۈشۈپ ئۇخلايمەن ....خۇداغا شۈكرى .بۇ ھۈنەرنىغۇ ئۆگەندىم . نەدە سۆزلەرمەن بۇ گەپلەرنى ، ئانچە مۇنچە كىچىك ئۇكىلرىمغا سۆزلەپ بەرگەنمۇ بولدۇم ، دەرىسخانىدا تېخى سۆزلىگىلى بولمايدۇ ، ئوقۇتقۇچىلار دەرىس ئاڭلىغىلى كىلىدكەن ،، بازاردا سۆزلەي  دىسەم تېخى مەدداھلىق ئاقمايدىكەن ، مەسچىتتە سۆزلەي دىسەم دىنىي ئىلىمىم تېخى يوق ....شۇنىڭ بىلەن ئاستا مۇنبەرگە چىقتىم .

مەنبە : ئىجادىيەت

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز