تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىزلار دوستىنى مۇھەببەت ۋە نىكاھ تۇرمۇشىغا زىيادە ئارىلاشتۇرماسلىقى كېرەك

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:

قىزلار يېقىن دوستىغا خۇشاللىقى ۋە خاپىلىقىنى ئېيتىشقا ئادەتلەنگەن، بىر قىسىم قىزلار دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن يىگىتى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ يېقىن دوستىنى بىللە ئېلىپ چىقىدۇ. كونىلار قىز بالىنىڭ دوستى بولماس دەپ ئېيتقان، بۇ قارىماققا ئىلمىي ئەمەستەك بىلىنسىمۇ، ئاساسسىزمۇ ئەمەس. جەمىيىتىمىزدە لايىقىنىڭ يېقىن دوستىغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان ياكى ئۆيلىنىدىغان، خوتۇنىنىڭ يېقىن دوستى ئۈچۈن بەختلىك ئائىلىسىنى بۇزىدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس، شۇڭا قىزلار يېقىن دوستىنى لايىقى ۋە ئېرىدىن يىراقراق تۇتۇشى كېرەك. ئۇنداقتا قانچىلىك ئارىلىق ساقلىشى كېرەك؟

1. بىر مېتىر. يېقىن دوستى بىلەن يىگىتىنىڭ ئارىلىقى بىر مېتىردىن ئاشمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېقىن دوستىنى ھەمىشە ئۆزىدەك كۆرۈپ، ئۇنى لايىقى بىلەن يالغۇز قويۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى سىزنىڭ يىگىتىڭىزگە كۈندىلا يېقىن دوستىڭىزنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگەنلىكىڭىز ھەمدە كۆرۈشۈشكە چىققاندا دائىم يېقىن دوستىڭىزنى ئېلىۋالغانلىقىڭىز سەۋەبلىك، يىگىتىڭىزدا ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش ھېسسىياتى شەكىللىنىدۇ ،ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى قانچىكى يېقىنلاشسا، ئەھۋال شۇنچە قەدىرلىك بولىدۇ.

2. ئىككى مېتىر. قىز ئاياللار ناھايىتى ئۆزگىرىشچان كېلىدۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، شۇڭا، يېقىن دوستىغا زىيادە ئىشىنىپ لايىقى ۋە يىگىتىگە يېقىنلاشتۇرغاندا، سىز بىر ياقتا قېلىپ، يېقىن دوستىڭىز بىلەن يىگىتىڭىزنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىش يۈز بېرىدۇ. يىگىتىڭىز بىلەن يېقىن دوستىڭىزنىڭ ئارىلىقى ئىككى مېتىرچە بولغاندا، مۇھەببىتىڭىز خەتەرلىك، دوستلۇقىڭىز بوشىشىپ قېلىشتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىسىز.

3. ئۈچ مېتىر. يىگىتىڭىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنى كۆڭلىگە پۈككەنىكەنسىز، ئۇنداقتا يېقىن دوستىڭىزنى يىگىتىڭىزگە يېقىنلاشتۇرماڭ، ھېچبولمىغاندا ئۇلار ئارىسىدا ئۈچ مېتىر ئارىلىق قالدۇرسىڭىز، بىخەتەر بولغان بولىسىز.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز