ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس مارى تېرروئار يېقىندا ھۈجەيرە ئىلمى تەتقىقاتىدا ئېرىشكەن ئۇتۇقىنى جاكارلاپ مۇنداق دېدى: «ئادەم ئۇزاققىچە ئىنكاسچان ھورمۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، ئۇنداقتا بەدەندە ياغنى كۆپەيتىدىغان ھۈجەيرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ھۈجەيرە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ. تەتقىقات داۋامىدا ئىنكاسچان ھورمۇننىڭ كۆپىيىشىگە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ئاساسلىق سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيقۇسىزلىق بىيولوگىيەلىك سائەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىدۇق؛ بىزگە ئايان، ھەر يىلى بەدەندە بار ياغنىڭ %10 ى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنكاسچان ھورمۇن ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر بەدەندە بار ئىنكاسچان ھورمۇننىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا پارچىلىنىدىغان بولسا، بەدەن ياغقا تولۇپ كېتىدۇ».
مارى يەنە مۇنداق دېدى: «تەتقىقات نەتىجىسى ئىنكاسچان ھورمۇن رولىنىڭ پىرىنسىپى خۇددى ئاپتوموبىلنىڭ ماي كىلاپانىغا دەسسىگەنگە ئوخشايدۇ، ناۋادا ماي كىلاپانىغا مۇقىم بېسىم بېرىلسە ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى نورمال بولىدۇ، بىراق بىردە چىڭ ۋە بىردە يېنىك دەسسەلسە، سۈرئەتمۇ بىردە تېز ۋە بىردە ئاستا بولىدۇ؛ ناۋادا بەدەندە ئىنكاسچان ھورمۇننىڭ مىقدارى نورمال بولسا، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ نورمال بولىدۇ، بىراق ئەكسىچە بولسا، بەدەنگە يىغىلىدىغان ياغنىڭ پارچىلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، ئاخىرىدا سەمرىپ كېتىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ».