ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند دىيابېت كېسەللىكى جەمئىيىتى يېقىندا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا دىيابېت كېسىلى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن مەزمۇندىكى تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلغان. بۇ سۈرەتلەردە تاتلىق يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىدىكى جاراھەتلەرگە ئوخشىتىلىغان بولۇپ، كىشىنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە سالىدىكەن.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى