تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاسما ئوكۇل ھەقىقەتەن قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرامدۇ؟

 ئاسما ئوكۇل ھەقىقەتەن قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرامدۇ؟

يېقىندا «بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئاسما ئوكۇل سالدۇرسا، قان تومۇرلار راۋانلىشىدۇ» دېگەن گەپ پەيدا بولدى، شۇڭا قىش كىرگەن پەيتتە يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسىلى بارلار دوختۇرخانىلارنىڭ ئوكۇل سېلىش بۆلۈمىنى ئاۋاتلاشتۇردى. بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «مۇنداق بىكاردىن بىكار ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇپ تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق سەكتە، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ئىشەنچىلىك ئەمەس، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، ھەتتا ساغلاملىققا زىيان سالىدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلاردا يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قوزغالغانلىقنى بىلدۈرىدىغان باش قېيىش، مەيدە چىڭقىلىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دوختۇر قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئوكۇل بېرىدۇ. يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ئاسما ئوكۇل ھەقىقەتەن قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تەڭشەپ، قان تومۇرنى كېڭەيتىپ، مېڭىگە بارىدىغان قاننى كۆپەيتسىمۇ، بىراق بۇنداق بىكاردىن - بىكار ئاسما ئوكۇلنى سالدۇرۇشنىڭ پايدىسى بارلىقى تېخى كىلىنىكىلىق دەلىللەشتىن ئۆتكىنى يوق».

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز