شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
1. جىددىي ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى. ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن دائىم ناخشا ئېيتىش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار ئاۋاز پەردىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ، كېكىردەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
2. تۇغما كېسەللىك. بەزى كىشىلەردە تۇغما كىكىردەك تار بولۇش ئەھۋالى بار بولۇپ، تۇغۇلغاندا ئاۋازى بوغۇقراق چىقىدۇ، ئىككى ئۈچ ئايلىق بولغاندا بۇنداق ئالامەتلىرى تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.
3. ئاۋاز پەردىسىدە مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قېلىش. ئەگەر ئاۋاز پۈتۈپ يېرىم يىلغىچىمۇ ياخشى بولمىسا، ئاۋاز پەردىسىدە مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئوقۇتقۇچى، مال ساتقۇچى ۋە ئىشتىن سىرتقى ناخشىچىلاردا بۇخىل ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدىكەن.
4. يامان سۈپەتلىك ئۆسمە. كۆپ ئۇچرايدىغىنى كېكىردەك راكى بولۇپ، بۇ ئۇزاق مەزگىل تاماكا چەككەن،ھاراق ئىچكەنلەردە كۆپ كۆرۈلىدىكەن. ئاۋاز ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق پۈتۈپ قالسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك ئىكەن.