ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ سەن مىنىڭ قودۇقتىكى پاقىدەك نىشانسىز كىتىپ باغان تۇرقۇمغا چىدىمىدىڭ شۇنداقلا مىنى ئۈمۈتۋار بولۇشقا ئۈندىدىڭ !!
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ سەن مىنى ياخشى كۆردۈڭ(مەنمۇشۇ) مىنىڭ ئازاپلانغىنىمنى كۆرسەڭ ياش تۆكتىڭ كۈلسەم چىرايىڭدىن تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى ... دىمەك سەن مىنى ھەقىقى ياخشى كۆردۈڭ ( مەن نىمدىگەن بەخىتلىك!)
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ سەن بەك ئەپۇچان گەرچە مەن كۈتكەن يىرىڭدىن چىقالماي سىنى شۇنچە ئازاپلىغان ياش تۆكتۈرگەن بولساممۇ بىراق سەن يەنىلا مىنى سېغىندىڭ مەن ئۈچۈن ياش تۆكتۈڭ ( ئالدىڭدا مەن تۇلىمۇ خىجىل)
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ سەن بەكمۇ باتۇر ، سەن مىنىڭ چۆلدىكى شورتۇپىغا ئوخشاپ قالغان تەنھا قەلبىمگە ئەتىرگۈل بولۇپ ئۈندۈڭ !!!
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ سەن بەكلا سەۋىرچان ، سەن مىنى سېغىنغىنىڭدا چۈشلىرىڭدە كۈرۈپ تۇردۇڭ ، گەرچە مىنى كۈرۈپ تۇرالمىساڭمۇ بىراق ماڭا ئىشەندىڭ ،مىنى كۈتتىڭ،مۇھەببىتىڭنى ماڭا بەردىڭ ( رەھمەت دىيىش ئازلىق قىلىدۇ ..)
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ مەن سىنى سېغىندىم ،سىنى ھەرقېتىم سېغىنغاندا تېلفۇن نۇمۇرۇڭغا قاراپ تۇردۇم بىراق ئۇرمۇدۇم، بەلكىم سىنىڭمۇ سېغىنغان سېغىنمىغانلىقىڭنى سەن ئۇرغان تېلفۇندىن بىلمەكچى بولغاندىمەن. ئەگەر يېنىمدا بولغان بولساڭ قۇلۇڭنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ يۈرەك سۆزلىرىمنى ساڭا يەنە بىر دىگەن بۇلاتتىم.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ مەن سىنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم، سىنىڭ كۈيۈنىشلىرىڭ، سىنىڭ ھەقىقىي قىزلارنىڭلا ئاغىزىدىن چىقالايدىغان تاتلىق سۆزلىرىڭ مىنى سىنى تېخىمۇ ياخشى كۈرۈشكە ئۈندىمەكتە!!!
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ مەن سىنى كۈتتۈم، مەن دائىم ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلىنىدىغان، باش قاتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم ،چۈنكى مەن سىنى بەخىتلىك قىلىشىم كېرەكتە........ ( ئويلىغانلىرىم سەل بالدۇرلۇق قانداق ؟)