تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
Wi-Fi ئادەم بەدىنىگە قانچىلىك زىيانلىق بىلەمسىز ؟

يېقىندا ئىنتېرنېتتا Wi-Fi نىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ياكى زىيانسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تېما قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

5 نەپەر دانىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى كۈنلۈكسىمان كەرەپشە ئۇرۇقىنى ئايرىم-ئايرىم  Wi-Fi تارقىتىش ئاپپاراتى بار ۋە يوق ئىككى ئۆيدە ئۆستۈرگەن، 12 كۈندىن كېيىن Wi-Fi يوق ئۆيدىكى ئۇرۇقىنىڭ نورما ئۆسكەنلىكىنى، Wi-Fi بار ئۆيدىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ تەجرىبە خەلقئارادىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، شۇ يەردىكى پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ مەسىلە ئىنتېرنېتتا غۇلغۇلا قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ Wi-Fi نىڭ تەسىرى، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنى ۋە ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا ئويغا سېلىپ قويغان.

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر Wi-Fi ساغلاملىققا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ  قارىسا، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر Wi-Fi نى زىيانسىز دەپ قارىغان. ئارگېنتىنا تەتقىقاتچىلىرى 29 ئەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى Wi-Fi چېتىلغان كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا قويۇپ 4 سائەتتىن كېيىن 25 پىرسەنت ئىسپېرما ھەرىكەتتىن توختىغانلىقىنى، كومپيۇتېردىن يىراق جايغا قويغاندا پەقەت 14 پىرسەنتى ھەرىكەتتىن توختىغانلىقىنى بايقىغان. لېكىن  Wi-Fi ئېتىۋېتىلگەن كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا قويغاندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. شۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر Wi-Fi ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

بۇنىڭغا قارشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىر سىمسىز روتېر دائىم ئوچۇق تۇرغان ھالەتتە، ئۇنىڭ بىر يىل جەريانىدا تارقاتقان رادىياتسىيەسى 10 مىنۇت تېلېفون سۆزلەشكەن بىلەن باراۋەر بولغانلىقتىن Wi-Fi ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز دەپ قارىغان.

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگو «قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت» پىروگراممىسىمۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، Wi-Fi ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز دەپ تەكىتلىگەن.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز