تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى

نۇرغۇنلىغان كىشلەر بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبىنى سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە قالقانسىمان يان بەز بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان كىشلەرمۇ ئاز ئەمەس. قالقانسىمان يان بېزى بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بويۇننىڭ ئالدىدا بولىدۇ، قالقانسىمان بەزگە ياندىشىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى قالقانسىمان يان بېزى ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشتۇر. قالقانسىمان يان بېزى ھورمۇنى بەدەندىكى كالتسىينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، سۆڭەكتىكى كالتسىينى قانغا كىرگۈزىدۇ. ئەگەر قالقانسىمان يان بەز بېسىمى ئېشىپ كەتسە، بۆرەكنىڭ بېسىمىمۇ ئېشىپ كېتىپ، كۆپ مىقداردىكى كالتسىي سۈيدۈك يولىغا يىغىلىپ قېلىپ قالسا بۆرەكتە تاش پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بۆرەكتە تاش پەيدا بولغاندا ئالدى بىلەن بۆرەكنىلا تەكشۈرتمەستىن قالقانسىمان يان بېزى ھورمۇنىنىڭ سۈپىتى ۋە قان كالتسىيسىنىڭ قويۇقلۇقىنىمۇ تەكشۈرتۈش كېرەك. بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشتا يېمەكلىككە دىققەت قىلىش، كۆپ سۇ ئىچىش، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى يەپ بېرىش كېرەك.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز