تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كىچىككىنە بىر قاچە تۇز سۈيىنىڭ مۇنداق 11 خىل چوڭ ئىقتىدارى باركەن

 نۇرغۇن ئادەملەرنى تۇزنى پەقەت دورا-دەرمەكلا خالاس دەپ ئويلايدۇ، ئەمىلىيەتتە كىچىككىنە بىر قاچە تۇز سۈيىنىڭ نۇرغۇن تېببىي رولى بار! بىللە كۆرۈپ باقايلى

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

1. تۇزنى چاچنىڭ يىلتىز قىسمىغا سۈركەپ، بەش مىنۇتتىن كېيىن سۈزۈك سۇدا يۇيۇۋەتسىز، ھەركۈنى ئەتىگەن-كەچتە بىر قېتىمدىن15-20 كۈنگىچە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

گالنى ئاسرايدۇ

كۈچ-قىش كۈنلىرى گېلىمىز قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بادام بەز ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، بۇنى تۇز شورپىسى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇسۇلى مۇنداق: گېلىمىز ئازراق بىئارام بولسىلا تۇز سۈيىمىز بىلەن ئېغىزىمىزنى چايقىساق بولىدۇ، گېلىمىز ئىششىپ كەتكەندە ھەركۈنى تۇز سۈيى بىلەن 5-6 قېتىم ئېغىزىمىزنى چايقاپ بەرسەك، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە يېتىمىز.

تەبىئىي قان توختىتىش:

1. ئاشقازان قاناشنى توختىتىش

دوختۇرخانىغا بېرىشتىن بۇرۇن1-4 ئىستاكان تۇز سۈيى ئىچىۋەتسىڭىز، بەدەنگە قان مىقدارى يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. بۇرۇن قاناشنى توختىتىش

بۇرنىڭىز قاناپ كەتكەندە تۇز سۈيىگە چىلانغان پاختىنى بۇرۇن تۆشىكىڭىزگە تىقىپ قويغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋەتسىڭىز، قان توختىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

3. ئېغىز قاناشنى توختىتىش

ئېغىزىڭىز قاناپ كەتسە، تۇز سۈيى بىلەن چايقاپ، قاننىڭ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرسىڭىز، قان ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ.

دىققەت: تۇز سۈيى تەييارلىغاندا ئاۋۋال تۇزنى قىزىق قايناقسۇغا سېلىپ، پۈتۈنلەي ئېرىگەندىن كېيىن ئاندىن ئازراق سوغۇق قايناقسۇ قۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ئىشلەتسەك بولىدۇ.ئېغىررراق كېسەللەر بولۇپ قالسا چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىشىمىز كېرەك.

4. تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ

يۈزىدە دانىخورەك بارلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن 20 گرام تۇزنى قىزىق سۇغا سېلىپ، ئېرىگەندىن كېيىن يۈز يۇيسا، يۈزدىكى مايلار چىقىپ كېتىپلا قالماستىن، دانىخورەكمۇ بارا-بارا يوقاپ كېتىدۇ.

ئاۋۋال بىر قوشۇق تۇزنى ئالقىنىمىزغا ئېلىۋېلىپ، ئۈستىگە 3-5 تېمىم سۇ تېمىتىپ، ئالقىنىمىز بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، پېشانىمىزدىن ئېڭىكىمىزگىچە ئۇۋۇلايمىز. بىرقانچە مىنۇتتىن كېيىن يۈزىمىزدىكى تۇز سۈيى ئاق پاراشوكنىڭ رەڭگىگە ئۆزگەرگەندە، ئىلىمان سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇۋېتىپ، ئاندىن نورمال تېرە ئاسراش باسقۇچلىرىنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

5. كىرنى چىقىرىپ، زەھەرنى تازىلايدۇ

قولىمىزغا زەھەرلىك ماددىلار چاپلىشىپ قالغاندا، تۇزنى قولىمىزغا ئېلىپ ئۇۋۇلاپ بەرسەك، زەھەرنى تازىلىغىلى بولىدۇ. سەكسەنپۇت، چايان قاتارلىقلار چېقىۋالغاندا تۇزدىن ئازراق ئېلىپ قىزىق سۇغا سېلىپ، زەھەرنى قايتۇرساق بولىدۇ. مېۋە يىگەندىمۇ مېۋىنى تۇز سۈيىگە سېلىپ يۇيغاندىن كېيىن ئاندىن سۈزۈك سۇدا چايقىۋېتىپ يىسەك باكتېرىيەنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

6. چىش ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

تۇزنىڭ تەركىبىدىكى فتور باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، چىش قۇرۇتلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.شۇڭا ھەركۈنى ئەتىگەندە تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزىمىزنى چايقىشىمىز كېرەك.

7. ئاشقازان-جىگەر كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

خاپىلىقتىن بىقىن ئاغرىش، ئاشقازان ئاغرىش كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەردۇر، بۇنىمۇ تۇز بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇسۇلى:شاكال بەدىياندىن 31 گرام، ئارپا بەدىياندىن 16 گرام ئېلىپ ئېزىپ، ئىچىگە بىر قاچا (تەخمىنەن400-600 گرام) يىرىك تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قازانغا سېلىپ قورۇپ قىزىتىپ، لۆڭگە بىلەن ئوراپ ئاشقازان ۋە دۈمبىگە ياقساق، جىگەر ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

8. ئاشقازان قىزىشنى داۋالايدۇ

ئەتىگەن ئاچ قورساق ۋاقىتتا تۇزدىن ئازراق سېلىپ بىر ئىستاكان تۇز سۈيى تەييارلىپ ئىچىۋەتسەك، ئاشقازان قىزىشنى داۋالاپلا قالماستىن، ئېغىز پۇراشقىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش، ئۈچەي قىزىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بالىلاردا ئاشقازان-ئۈچەي قىزىش، قەۋزىيەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە تۇز سۈيى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى.

قۇسۇشنى تېزلىتىدۇ

يېمەكلىكتىن يېنىك زەھەرلىنىش ياكى كۆپ ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىققان بىئارامسىزلىققا تۇز سۈيى ئىچسە ئوڭشىلىدۇ.

كۆيۈكنى داۋالايدۇ:

يارا ئېغىزىنى تۇز سۈيىدە يۇيسىز ياكى تۇز سۈيىنى يارا ئېغىزىغا پۈركۈيسىز.

پەي تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

پەي تارتىشىپ قالغان تېزدىن تۇزنى قىزىتىپ لۆڭگە بىلەن ئوراپ پۇت ۋە قولغا سۈركەپ بەرسە ئوڭشىلىدۇ.




ئەسلى مەنبەسى: js.qq.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز