تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالىم ئالبېرت ئېينىشتېين

 تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Albert Eistein


تاشپولات روزى


ئالبېرت ئېينىشتېين (Albert Eistein) جەنۇبى گېرمانىيسىنىڭ Ulm رايونىدىكى بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە، 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1900-يىلى Zürich بىرلەشمە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۋېتسارىيىنىڭ(Swiss) گىرازدانلىقىغا كىرىدۇ. ئېينىشتېين بۇ يەردە ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى تاپالماي Bérnنىڭ پاتېنت ئىشخانىسىدا تېخنىك بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ 1905-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. بۇ يەردە ئۇ خىزمەت قىلغاچ نۇر زەررىچە پەرىزى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەم Brown ھەرىكەت نەزەرىيىسى قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ 1909-يىلى Zürich ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، 1913 يىلى Bérlin ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

1916-يىلى ئۇ كەڭ دايىردىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلىپ،  1921-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ 1933-يىلى گېرمان فاشىستلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەندىن كېيىن 1945- يىلىغىچە Prinseton ئالىي تەتقىقات ئورنىدا پروفېسسور بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1939-يىلى ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىش ئېھتىماللىقىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتقا ئۇقتۇرغان بولسىمۇ ئۇرۇشتىن كېيىن يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا سەپنى تەشكىللەيدۇ.

ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بولسا ۋاقىت، بوشلۇق ۋە ماددىلارغا نىسبەتەن تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ ئاساسىغا ئىگە بولغان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ دائىرىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىگە باغلاپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى نەزەرىيە جەھەتتە بەكمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ داۋامى بولغان بىرلىك مەيدان نەزەرىيىسى ھازىر كېچە-كۈندۈزلەپ تەتقىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

ئېينىشتېين، 1955-يىلى ئامېرىكا New Jérséy Prinseton دا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىزى ئىككى ئوغۇلى بار ئىدى.

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز