تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
خانىم-قىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى پەرداز بۇيۇملىرى

 

خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ۋە رەڭدار تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە،شۇنداقلا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق. خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ياش-قۇرامى، چىراي شەكلى، بوي-تۇرقىغا قاراپ پەرداز قىلىش ئادىتى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز بۇرۇنلا جىگدە يېلىمى، ئوسما ۋە خېنىلەرنىڭ خاسىيىتىنى بىلىپ، ئۇنى خانىم-قىزلارنىڭ تەبىئىي پەرداز بۇيۇمى قىلغان. ئانا ئەجدادلىرىمىز بۇلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ چاچ، قاش-كىرپىكى ۋە تىرناقلىرىنى ئاسراشقا ئادەتلەنگەن.

جىگدە يېلىمى جىگدە دەرىخىنىڭ غولىدىن چىقىدىغان بىر خىل يېلىم. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدە قەنت، تانىنىن قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار كۆپ بولۇپ، چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەش، چاچنى قارايتىش، ئۆستۈرۈش ۋە ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ساقلاش رولىغا ئىگە. شۇڭا خانىم-قىزلىرىمىز بۇرۇندىن جىگدە يېلىمىنى گىرىم بۇيۇمى ئورنىدا ئىشلىتىپ، چاچلىرىنى تاراپ ئاسراشقا ئادەتلەنگەچكە، ئۇلارنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى پارقىراق، قارا، قويۇق ۋە ئۆسكىلەڭ بولغان.

ئوسما تەبىئىي ئۆسۈملۈك بولۇپ، خەلقىمىز ئۇنىڭ خاسىيىتىنى بىلگەندىن بۇيان، ئۇنى باغ ۋە ھويلا-ئارانلىرىدا ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ سۇ تەركىبىي كۆپ بولۇپ، ئۇنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنىدا سىققاندا كۆك رەڭلىك سۇ چىقىدۇ، ئۇنىڭ چاچ، قاش-كىرپىكلەرنى ئاسراش ۋە قارايتىش رولى بولغاچقا، خانىم-قىزلىرىمىز بۇرۇندىن ئۇنى چاچ ۋە قاش-كىرپىكلىرىگە سۈركەپ، «ئوسما قويۇش» ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. ھەتتا يېڭىلا تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنىڭمۇ چاچلىق، قاش-كىرپىكلىرى جايىدا، لاتاپەتلىك بولۇپ يېتىلىشىنى ئارزۇلاپ، ئۇنىڭ باشلىرىغا ئوسما سۈيىنى چاپىدىغان، قاش-كىرپىكلىرىگە سۈركەپ قويىدىغان ئادەت ھېلىھەم مەۋجۇت.

خېنە سامانغوللۇقلار ئائىلىسىگە تەۋە بۇ گۈلنىڭ پايدىسىنى بىلگەن ئاتىلار ئۇنى باغلاردا ياكى ھويلا-ئارانلاردا ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ 60-180سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ، غولىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ ھەم سۇلۇق، گۈلى ئانار چېچىكى رەڭگىدە بولۇپ، خانىم-قىزلىرىمىز ئۇنى ئېزىپ پۇت، قولىنىڭ ئالقانلىرى، تىرناقلىرىغا تېڭىپ قىزارتىۋالىدۇ. بۇ ئادەتتە «خېنە قويۇش» دېيىلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا خېنىنىڭ زەھەر قايتۇرۇش، سۆڭەكنى ئۆستۈرۈش ۋە چىڭىتىشتەك دورىلىق رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلەن بىللە، تىرناقلارنى گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئەپسۇس، ھازىرقى زامانىۋى پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى بىلەن، بۇنداق ئەنئەنىۋى پەرداز بۇيۇملىرى بارا-بارا ئىستېمالدىن قالماقتا.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز