تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مىكروسوفىت شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاندىرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان «نوكىيا X» تۈرىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد نوكىيا XL يانفونى نۆۋەتتە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا كىرگەن، نوكىيا XL بىلەن ئوخشاش ھالدا، نوكىيا XL يانفونىغا چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن ئاندىرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇپ، توردىكى ئالدىن زاكاز قىلىش باھاسى 1099 يۈەن بولغان.
نوكىيا XL يانفونى نوكىيا شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان X تۈرىدىكى ئۈچ خىل يانفون ئىچىدە سەپلىمىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 800×480 بولغان 5 دىيۇملۇق ئىكران، چاستوتىسى1GHz بولغان گاۋتوڭ قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 768MB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 4GB لىق ساقلاش بوشلۇقى سەپلەنگەن، microSD كارتىسىنى سېلىشنى قوللايدىكەن. بۇندىن باشقا، XL يانفونىنىڭ كامېرا ئېنىقلىقى بەش مىليون پىكسىل بولۇپ، ئاپتوماتىك فۇكۇس توغۇرلاش ئىقتىدارى ھازىرلانغان،LED لىق چاقناتقۇچ چىراغ سەپلەنگەن، سىنلىق پاراڭلىشىش شۇنداقلا قوش كارتىنى تەڭ قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
سىسىتېما جەھەتتە نوكىيا X يانفونى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاندىرويىد 4.1 AOSP ئاساسىدا چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن شۇنداقلا Metro ئارا يۈزى ئۇسلۇبى سەپلەنگەن سىستېما قاچىلانغان، ئاندىرويىد ئەپلىرىنى نورمال قوللايدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىدىكى نوكىيا XL يانفونىغا مىكروسوفىتنىڭ Bing، OneDrive،Outlook.com ۋە Skype قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مۇلازىمەت تۈرلىرى قوشۇلغان.
نوكىيا XL يانفونى بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا سېتىشنى باشلىغان بولۇپ، باھاسى 1099 يۈەن، نۆۋەتتە قارا، ئاق، سېرىق، يېشىل، كۆك ۋە ھال قاتارلىق ئالتە خىل رەڭلىك نۇسخىسى بار.