لەۋ شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئالتە خىل گىرىم ماھارىتى
1.چوڭ لەۋنى كىچىكلكىتىش،ئۇپا تەگلىكى بىلەن لەۋ دائىرسى يېپىلىدۇ،ئىشلەتكەن لەۋ سۇرۇخنىڭ رەڭگى ئوچۇقراق بولۇشى كېرەك،ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،لەۋ ھەمىشە ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ،شۇنى ئۈچۈن يۇقىرى لەۋ قىسىمىنىڭ لەۋ سىزىقى بىلەن بەك كۆپ ھەپىلەشمەسلىك كېرەك.
2.كىچىك لەۋنى چوڭايتىش،ئاستىنقى لەۋ جاۋىغاي تەرەپتىن ئازراق كېڭەيتىلىدۇ،لەۋ سۇرۇخنىڭ رەڭگى ئۈستۈنكى لەۋ بىلەن ماسلىشىش كېرەك،سەل قېنىقراق بولسا تېخىمۇ ياخشى.
3.قېلىن لەۋنى نېپىزلىتىش،لەۋنىڭ سىرتقى دائىرسىگە سۇس رەڭ ئىشلىتىپ،ئومۇمىي دائىر شەكلى ئىچىگە لەۋ سۇرۇخ سۈركىلىدۇ،بۇ چاغدا ئىشلەتكەن لەۋ سۇرۇخنىڭ رەڭگى قېنىقراق بولۇش،ئىككى رەڭنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
4.نېپىز لەۋنى قېلىنلىتىپ ياساش،لەۋ دائىرسىنڭ سىرتقى قىسىمىدىن تەخمىنەن 1.5مىللىمېتىر دائىردە تۈز قىلىپ،ئومۇمىي لەۋ دائىرسى سىزىپ چىقىلىدۇ،ئەمما ئىشلەتكەن رەڭ بەك قېنىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
5.ئۈستۈنكى لەۋ سىزىقىنى تۈزەش،جاۋىغاي قىسىمىنى تەخمىنەن بەش مىللىمېتىر ئەتراپىدا ئۈستىگە كۆتۈرۈپ سىزىپ،لەۋنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا كەلگەندە رەڭ ئازراق قېنىقلاشتۇرولىدۇ، ئاستىنقى لەۋنىڭ رەڭگى ئۈستۈنكى لەۋنىڭ رەڭگىدىن سەل سۇسراق بولىدۇ.
6.ئاستىنقى لەۋ سىزىقىنى تۈزەش،بۇ خىل تۈزەش ئۇسۇلى ئۈستۈنكى لەۋ سىزىقىى تۈزەشنىڭ ئەكىسچە ئۇسۇلى ئۈستۈنكى لەۋ سىزىقىنى تۈزەشنىڭ ئەكىسچە بولىدۇ،لېكىن،ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى لەۋنىڭ رەڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى ئوخشاش بولۇپ،قېنىق-سۇس بولۇشىدا باشقا پەرق يوق،شۇڭلاشقا،بەك كۆپ ئۆزگىرىش قىلىماسلىق لازىم.
مەنبە؛گۈزەللىك سوۋغىسى