ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئاياللار تۆمۈر تولۇقلاپ تۇرسا چارچاشنى تۈگەتكىلى بولىدىكەن.
ۋېتسارىيە كىسان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنداق دەپ قارىغان: ئۇزاقتىن بۇيان كىلىنكىدا ئاياللارنىڭ ئاسان چارچاپ كېتىدىغانلىقىنى ــ ئېنىقلاش قىيىن بولغان، ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ھېسابلىناتتى. بىراق تۆمۈر ماددىسىنىڭ بۇ كېسەلنى ساقايتالايدىغان ياكى ساقايتالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئېنىق بىر جاۋاب يوق ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار 18 ياشتىن 53 ياشقىچە بولغان 198 ئايالنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بۇ ئاياللار ھەر دائىم ئۆزلىرىنى چارچاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇرمۇ بۇنىڭغا سەۋەبىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن. تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئاياللارنىڭ يېرىمىغا ھەر كۈنى 80 مىللىگىرام تۆمۈر، يەنە بىر قىسمىغا شېكەر ماددىسى تولۇقلاپ بەرگەن. تەتقىقاتچىلار يۇقىرىقى ئۇسۇلدا 12 ھەپتىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئاياللارنىڭ «چارچاش دەرىجىسىنى تەكشۈرگەندە، تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاپ تۇرغان توپتىكىلەرنىڭ چارچاش دەرىجىسى ئەسلىدىكىدىن %50 تۆۋەنلىگەن. بىراق ئەنگىلىيە يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تۆمۈر ماددىسىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئوخشاشلا خەتەرلىك بولۇپ ئورگانىزملارنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئۆزىنىڭ نېمىگە بۇنچە چارچاپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەندە چوقۇم ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ، بەدەندە تۆمۈر ماددىسى كەملىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگەنچە تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىماسلىق كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/15/content_509925.htm