نەزىرىمىزدە ئۇزاق ئولتۇرۇش سالامەتلىككە زىيانلىق، ئۆرە تۇرۇش پايدىلىق. بىراق ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«ھەر قانداق بىر خىل قىياپەتنى ئۇزاق ۋاقىت مۇقىم ساقلاش، ھەتتا ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن ھەرىكەت بىلەن ئۇزاق ئۇزاق شۇغۇللىنىش سالامەتلىككە زىيانلىق. دېمەك، ئۇزاق ئولتۇرۇشمۇ، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇشمۇ ئوخشاشلا زىيانلىق».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«ئەگەر كارىۋاتتىن تۇرغاندا باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلاشسا، بۇ ھەرگىزمۇ يۇقىرى قان بېسىمنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى تۆۋەن قان بېسىم پەيدا قىلىدىغان خەتەر. تۆۋەن قان بېسىم بەدەن قىياپىتى ئۆزگەرگەن چاغدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ سەھەردە ئورنىدىن تۇرغان ياكى ئولتۇرغان يەردىن تۇرۇپ ئۈچ سېكۇنتتىن كېيىن پەيدا بولىدۇ».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى