نۇرغۇن ئاياللار بوۋىقىغا گۈللۈك پايپاق كىيگۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، گۈللۈك پايپاق سالامەتلىككە زىيانلىق. چۈنكى گۈللۈك پايپاقتا ئارتۇقچە يىپلار كۆپ بولغاچقا، بوۋاقنىڭ پۇتىنى بىئارام قىلىدۇ ۋە يارا قىلىۋېتىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا قان ئايلىنىش ياخشى بولماي مېيىپ بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇسراق رەڭدىكى پايپاقنى تاللاپ كىيگۈزۈش كېرەك. بولمىسا پايپاقتىكى بوياقلار بوۋاقنىڭ تېرىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.