تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
نېمە ئۈچۈن ئالما iPhone 4s ھازىرغىچە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىمايدۇ؟


ئەقلىيفون تارىخىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىلغا ئالغاندا ئالما iPhone چوقۇم تىزىملىكتە بار. نۆۋەتتە iOS سېستىمىسىدىكى ئەقلىيفون يەرشارىدا تەخمىنەن %20 لىك بازار ئۈلۈشىگە ئىگە، ئاندرويىد ئۈسكۈنىسىنىڭ بېسىشى ئاستىدا يەنىلا مۇشۇنداق يۇقىرى سانلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش iPhone نىڭ مۇۋاپىقىيىتى. 

iPhone6 ۋە 6Plus ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال بازىرى ئىتتىك بولدى. ئىستىمالچىلار ئىلگىرى كېيىنكى بىر ئەۋلاد كەسپنى ياراتقان iPhone كونا نۇسخىسىنى ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك قىلغاندەك قىلاتتى، بىراق ئەمىلىيەتتە تەپسىلىي ئويلاپ باقساق، بۇ كونا نۇسخىلارنىڭ راستىنلا ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟ قېنى بىرلىكتە iPhone4s نى مىسال ئېلىپ بۇ تېمىدا پاراڭلىشىپ باقايلى. 


2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالما شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، iPhone4s نى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقاردى، سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىگىنى جوبىس ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئورۇنباسارى تىم كۇك. جوبىسنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن پەقەت ئۆيىدە تۇرۇپ ئاىبارا ئېلان قىلىش يىغىنى بىۋاستە تارقىتىشنى كۆردى. مەستانىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، iPhone4s نىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە، بۇ جوبىس يىتەكچىلىك قىلىپ لاھىيەلىگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر نۇسخا ئەقلىيفون. 

ئالما شىركىتىدە، جوبىس ياردەم قىلىپ PC ساھەسى قۇردى، بىر يۇقىرى سۈپەتلىك كوللىكتىپ قۇردى ھەم كوللىكتىپ بىلەن بىرگە iMac، iPod، iPhone ۋە iPad قاتارلىق بىر تۈركۈم لاھىيەسى ئېسىل بولغان مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇردى. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى iPhone4s ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى كۈنى جوبىس ئاشقازان ئاستى بېزى راكى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، iPhone4s مۇ شۇ سەۋەبتىن جوبىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە iPhone ئاللىقاچان iPhone6 ۋە 6Plus قا يېڭىلاندى، ئەمما كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى iPhone4s نىڭ يەنىلا ئەھمىيىتى ئالاھىدە. 


بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىيفوننىڭ ئېكرانى بارغانسىرى چوڭايدى، 5 دىيۇم ئاللىقاچان ئۆلچەم پارامىتىرىغا ئايلاندى، تاختا كومپيۇتېرنى قوغلاشقان 7 دىيۇملۇق يانفونمۇ يوق بولدى. iPhone مۇ چوڭ ئېكرانلغا ئېھتىياجلىق ئابونىتلارغا قارىتا 5.5 دىيۇملۇق 6Plus نى چىقاردى، ئەمما چوڭ ئېكرانلىق ئەقلىيفوننى قولدا تۇتۇش ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. 

بۇ تەرەپتە جوبىسنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشەنچى بار، 3.5 دىيۇم بولسا ئۇ بىر قولدا تۇتۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئېكران رازمىرى، ئەمما iPhone5 تىن باشلاپ ھەتتا ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئېكران رازمىرىنى چوڭايتىشقا باشلىدى. كۆرۈش تۇيغۇسى قارىماققا ياخشى، ئەمما ياخشى بولغان ئىشلىتىش تۇيغۇسى زەربىگە ئۇچىرىدى، بۇنى ھەرقانداق ئاتالمىش تاق قول شەكىلىدىكى ئەقلىيفون تەقلىد قىلىشقا ئامالسىز. 

2014-يىلى 6-ئايدا، ئالما iOS8 سېستىمىسىنى ئېلان قىلغاندا، كونا نۇسخىدىكى iPhone ۋە iPad كە قايتا دەرىجە ئاشۇرۇش قوللىشى تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى، iPhone4  بولسا iOS8 نىڭ قوبۇل قىلىش تىزىملىكى سىرتىدا قالدى. بىراق ئەڭ يېقىنقى خەۋەردە، پات ئارىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان iOS9 تۆت يىل ئىلگىرىكى كونا مەھسۇلات iPhone4s نى قوللىشى مۇمكىن دېيىلدى. 

ئالما iOS9 نى كونا مەھسۇلاتىدا يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ باردى، يەنى يېڭى سېستىما ئىچىدىكى يېڭى ئىقتىدارنى ساقلاپ قالدى ھەم كونا ئۈسكۈنىنىڭ ئىجرا بولۇش ئىچكى بوشلۇقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئويلىشىپ يېڭىلاش بوغچىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كىچىكلەتتى ھەم داۋاملىق ھالدا مەلۇم ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. گەرچە نۆۋەتتە iPhone4s نىڭ چوقۇم iOS9 نى قوللايدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مۇمكىنچىلىكى يەنىلا كىچىك ئەمەش، بۇ بەلكىم بۇ كونا مەھسۇلاتنى يەنە قايتا نۇرلاندۇرىشى مۇمكىن. 


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز