1.
ئەللىك ئىككى قەغەز بار،
بىر ساندۇقنىڭ ئىچىدە.
زېرىككەندە ئوينايمەن،
كۈندۈز ھەتتا كېچىدە.
2.
ئاستىدا كىچىك چەمبەر،
ئۈستىدە يوغان چەمبەر.
چاي ئىچكەندە ھەر ۋاقىت،
ئەسقاتىدۇ شۇ قەدەر .
3.
قەغەزگە چىڭ ئورالغان،
بەكمۇ تاتلىق بىر نېمە.
ئاڭا ئامراق بالىلار،
ئۇ نېمىدۇ دېگنە.
4.
ئىككى پۇتتا ئون تىكەن،
ئىككى قولدا ئون تىكەن.
ئاپ تۇرمىساڭ ۋاقتىدا،
ئەل ئالدىدا سەت ئىكەن.
ئاشۇ تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالمىساڭلار سەت تۇرا
جاۋابىنى يوشۇرۇن يوللاڭلار ماقۇلمۇ