تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يۈرەككە پايدىلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

   ئۆرۈك مېغىزى: ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ئۆسۈملۈك خولېسېرىن بولۇپ، بۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ناچار خولېسېرىننى ئازايتىپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    پەمىدۇر: شوخلا تەركىبىدىكى مول توماتىننىڭ يۈرەك، قان تومۇرنى قوغداش رولى بار بولۇپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

    تاتلىقياڭيۇ: ئۇنىڭدا يۇقىرى تالا ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ قالغان ئارتۇقچە كېسلاتالىق تەركىبنى نېيتراللاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ تەركىبىدىكى كوللاگېن ھەمدە يېپىشقاق كۆپ قەنتلىك ماددا ئارتېرىيە قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ.

    پالەك: پالەك قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

    تۇرۇپ: تەتقىقاتچىلار تۇرۇپنىڭ ئوتتۇرا ياش- ياشانغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسىبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ۋە يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    قارا ئۆرۈك: قارا ئۆرۈك ھەزىم قىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ ۋە ناچار خولېستېرىننى تېزدىن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ، قاندىكى شېكەر تەركىبى ۋە خولېستېرىننى ئەڭ ياخشى سەۋىيىدە ساقلاشقا پايدىلىق.

    قارا پۇرچاق: قارا پۇرچاق تەركىبىدە سىنىك،كىتون، ماگنېي، سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتەك مۇھىم رولغا ئىگە، كۈندە ئازراق قارا پۇرچاق ئىسېمال قىلغاندا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسىبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    قارا قېرىنقۇلاق: قارا قېرىنقۇلاق تەركىبىدىكى قان پىلازمىسىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىغا قارشى تۇرىدىغان ماددا ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ.

    ئانار: ئانارنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئاشقازان جاراھىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇرنى يۇمشىتىپ، قاندىكى ياغ ۋە شېكەر ماددىسىنى، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىۋېتىشتەك رولىغا ئىگە.

    چېچەكسەي: چېچەكسەينىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلىنى تەڭشەش رولى بار.

    كۈدە: كۈدىدىكى مۇچ ئېلېمېنتى ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى كۆيدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، مىتابولىزىمنى غىدىقلايدىغان تەبىئىي قان زەرداربى ھېسابلىنىدۇ.

ـــ ماتېرىيالدىن


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز