ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شياۋمى بىر نۇسخا تىپ نامى 4C بولغان يان تېلېفوننى ئېلان قىلىدىكەن. يېڭى ئىسىم قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن 4C ئەمەلىيەتتە شياۋمى 4i نىڭ دۆلەت ئىچى نەشرى ئىكەن، Snapdragon 808 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شياۋمى 4C غا 5 دىيۇملۇق 1080 ئېنىقلىقتىكى سەزگۈچ ئېكران، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 16GB/64GB ئىككى خىل ساقلىغۇچتىكى يان تېلېفون تاللاشقا بېرىلىدىكەن. 5 مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا ۋە 16 مىليون پىكسېللىق ئارقا كامېرا سەپلىنىدىكەن، 3060 مىللىئامپېرلىق باتارېيە ئىشلىتىلىدىكەن.
ئەلۋەتتە، سەپلىمىسى يۇقىرى بولغىنى قىممەترەك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى سەپلىمىلىك شياۋمى 4C نىڭ باھاسى 1099 يۈەن بولىدىكەن. تورغا چىقىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن ئۆلچەملىك نۇسخىسىغا Snapdragon 615 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، باھاسى 999 يۈەن ئىكەن.