شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 23-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بۇ يىلدىن باشلاپ، دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەرلىك ۋە بىڭتۇەندىكى 47 مىڭ ئىمتىھان بەرگۈچى بۇ سىياسەتتىن نەپ ئالىدۇ.
كونكرېت تەدبىر تۆۋەندىكىچە: مەملىكەت بويىچە 734 ئالى مەكتەپ-جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تولۇق كۇرۇس، مەخسۇس كۇرۇسقا بىر تۈركۈمدە ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەنزۇ تىل يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ھەر مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلىرىگە يەنە 10نومۇر قۇشۇپ بېرىلىدۇ. خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار، قوش تىللىق سىنىپ، مىللىيچە ئوقۇغان خەنزۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە 50 نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئېتىبار قىلىنىدۇ.