چىش چوتكىلاش بىزنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئەتىگەندە ۋە تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلايمىز. ئىشتاھانىڭ ياخشى يامانلىقىنى چىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ! لېكىن سىز قانداق چىش چوتكىلىغاندا ئەڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
بۈگۈن شاڭخەي رېنئەي دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى مۇدىرى ۋاي يىن ئەپەندى قانداق چىش چوتكىلىغاندا ئەڭ توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىدۇ.
بىرىنچى، چىش چوتكىلىغاندا ئەڭ ياخشىسى ئىلمان سۇ ئىشلىتىڭ
ئادەم چىشى 35~36.5℃ ئېغىز بوشلۇقى تېمپىراتۇرسىدا ماددا ئالماشتۇرىدۇ. ئەگەر دائىم چىشقا بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسىىق سۇدا چوتكىلىغاندا چىش مىلىكى قاناش، چىش مىلىكى تارتىشىپ قېلىش ياكى باشقا چىش ئاغرىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىلمىي تەكشۈرۈش شۇنى ئىسپاتلاندىكى، ئىلمان سۇدا چىش چوتكىلىغاندا چىشنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
ئىككىنچى، چىش چوتكىلاش ۋاقتى: تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن چىش چوتكىلاش
چىش چوتكىلاشتىكى ئاساسلىق مەقسەت چىشتىكى باكتېرىيە چىقىرىش، چۈنكى ئاشۇ باكتىريەلەر يىغىلىپ چىشنىڭ چىرىشى ۋە سارغىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماقتىن 30-60 مىنۇت كېيىن بۇ باكتېرىيەلەر چىشنىڭ سىرتىغا يېپىشىدۇ، شۇڭا دوستلارغا تاماقتىن 15-30 مىنۇتتىن ئىچىدە چىشنى چوتكىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنداق بولغاندا بۇ باكتېرىيەلەرنى ئۈنۈملۈك تازىلاش مەقسىتىگە يېتەلمەيمىز.
بۇنىڭدىن باشقا، چىش چوتكىلاش ۋاقتى 3 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئۈچىنچى، چىش چوتكىلاشنىڭ توغرا قىياپىتى، توغرىسىغا چىش چوتكىلىماڭ
نۇرغۇن كىشىلەر توغرىسىغا چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەنگەن، بۇ توغرا چىش چوتكىلاش ئەمەس. ئامېرىكا چىش ئىلىمى بىرلەشمىسى بىرخىل ئۈنۈملۈك چىشتىكى باكتېرىيەلەرنى چىقىرىش چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلدى، ئىسمى «با شى چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى». تۆۋەندىكى رەسىملەردە دېيىلگىنىدەك، چىش چوتكىسى بىلەن چىش 45° بۇلۇڭ ھاسىللاپ چىش يىلتىزى يۆلىنىشتە (ئۈستىدىكى چىش ئۈستىگە قارىتا، ئاستىدىكى چىش ئاستىغا قارىتا) چوتكىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، چىش چوتكىسىنىڭ بېشى سەل كىچىكرەكنى تاللاشقا دىققەت قىلىڭ. چىش چوتكىسىنىڭ تۈكى يۇمران، ئىنىچكە، ئىلاستىنكىلىقى ياخشى بولسۇن، چىش چوتكىسى بېشى سوقىچاق شەكىلدە بولسا بولىدۇ.
تۆتىنچى، چىش چوتكىلاشتىكى خاتا چۈشەنچە
1. چىش چوتكىلىغاندا كۈچەپ چوتكىلاش
چىشىڭىزنى بەك كۈچەپ چوتكىلىماڭ، بولمىسا چىش مىلىكىنىڭ زەھمىلىنىشى كۈلتۈرۈپ چىقىرىسىز.
2. ئورنىدىن تۇرۇپلا يۈز يۇيۇپ چىش چوتكىلاش
ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بىراقلا چىشىمىزنى چوتكىلىماسلىقىمىز كېرەك. ئاۋال يۈزىمىزنى يۇغاچ سۇ بىلەن ئېغىزىمىزنى پاكىز چايقىۋەتكەندىن كېيىن ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپ 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن چىشىمىزنى چوتكىلىساق بولىدۇ.
3. سوغۇق سۇدا چىش چوتكىلاش
چىش چوتكىلىغاندا سۇنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىسى 37℃ ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.
4. توغرىسىغا چىش چوتكىلاش
تەكشۈرۈش ئارقىلىق %90 جۇڭگولۇق چىشىنى توغرىسىغا چوتكىلايدىكەن، چىشنى ئاستى-ئۈستىگە چوتكىلىمىغاندا چىشنىڭ ئارىسىدىكى قالدۇق پاكىز چىقىرىلمايدۇ.
5. چىش چوتكىسىنى ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىش
چىش چوتكىسىنى ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.