ئائىلە پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى مەكتىپى، ئاتا – ئانا پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى ئۇستازى. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى. ئائىلە ئىناقلىقى جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئاساسى، ياخشى ئائىلە مۇھىتى پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئورنى. ئاتا – ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىلا تەلەپ قىلماي، مۇھىمى ئەدەپ – ئەخلاق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزىملىق، ئادىمىيلىك ھەم قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.
جەمئىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىچىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى يامان يولغا مېڭىپ قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا – ئانىسى نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەن، ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئائىلە مېھىر – مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەردۇر. جەمئىيەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىزچىللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پەرزەنتىمىزگە ياخشى، ئىناق – ئېجىل بولغان ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاساس سېلىشتىن باشقا، مۇھىمى ئەدەپ – ئەخلاق، مېھىر – ۋاپا، قانۇنىي تەربىيەنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئەگەر، بۇ جەھەتتىكى بىلىمىڭىز تۆۋەن بولسا رادىيو – تېلېۋىزور، گېزىت – ژۇرنال، كىتابلاردىن پايدىلىنىڭ، پەرزەنتىڭىزگە ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ.
پەرزەنتلەرنىڭ خاتالىق سادىر قىلىپ جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئاتا – ئانىلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەن، شۇنداقلا ئائىلىدە قانۇن – تۈزۈم ۋە ئەدەپ – ئەخلاق، ئادىمىيلىك، مېھىر – ۋاپا تەربىيەسىنىڭ سۇس بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر، ئاتا – ئانا يامان بولىدىغان ئىشنى ئۆزى قىلىپ تۇرۇپ، پەرزەنتىگە تەربىيە بەرسە ئۈنۈمى بولمايدۇ، بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدىكى پەرزەنت ھامان يامان يولغا مېڭىپ قالىدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەم كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئامىل پەرزەنتلەردە توغرا بولغان قانۇن – تۈزۈمگە رىئايە قىلىش ئېڭى تۇرغۇزۇشتۇر.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/29/content_503299.htm