ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بىر ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى نۇرغۇن قېتىم خەتەرگە تەۋەككۈل قىپتۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك مەغلۇپ بولماستىن، ئەكسىچە نۇرغۇن پايدا ئاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھەققىدىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
-ئارقا-ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا سەۋەب بولغىنى شۇكى، خەتەرگە دىققەت قىلىپ جەڭ ئېلان قىلىش. مەن بىر تۈرگە مەبلەغ سالماقچى بولغاندا ھەممە بۇ تۈرنىڭ ياخشىلىقىنى تىلغا ئالسا، ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمەن. مەن دائىم باشقىلار قاچقان تۈرلەرگە مەبلەغ سالىمەن. چۈنكى باشقىلار بايقاپ بولالمىغان، ئەمما سەن ئالدىن بايقىغان پۇرسەت ساڭا پايدا بېرىدىغان ئالتۇن پۇرسەت. گەرچە مۇنداق قىلىش خەتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمىغان ئادەمگە پايدا پۇرسىتى قۇچاق ئاچمايدۇ، شۇڭا %50ئۈمىد بولسىلا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا بولىدۇ.
مېنىڭچە، بۇ ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى سودىگەرلىرىنىڭ پېشۋاسى. چۈنكى مەبلەغ سېلىش پىرى شاۋرۇس مۇنداق دېگەن: ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئوخشاش قاراشقا ئىگە بولسا، ئۇنداقتا بۇ بىر توپ ئادەم تامام خاتالاشقان بولىدۇ. دېمەك، جاننى تىكمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ، ئادەم مانا مۇشۇنداق جاننى تىكىپ ئېلىشىش داۋامىدا پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي ھالدا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پەللىسىگە چىقىدۇ.