كېننىدى جەمەتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا شان-شۆھرەت ۋە بايلىق جەھەتتە يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بەئەينى خان جەمەتىگە ئوخشاش قارىلاتتى. ئەمما ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد پاجىئەلىك تەقدىرگە ئۇچراپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلدى. ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە ئۇلارنىڭ بېشىدىن زادىلا نېرى كەتمىدى. 1960-يىلى جون كېننىدى سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئاقسارايغا كىرىپ، ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي سۈيقەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى.
ئاقسارايدا ئۇزۇن مۇددەت ئوپېراتۇرلۇق قىلغان ماكىننىڭ ئاشكارلىشىچە، زۇڭتۇڭ كېننىدى ئۆزى سۈيقەستكە ئۇچراشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھالاكەتكە قاراپ ماڭغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر خۇسۇسىي فىلىمنى مەخپىي سۈرەتكە ئالدۇرغان، فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى كېننىدى ئۆزى يازغان، فىلىمگە ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە ئۆزى رول ئالغان. فىلىمنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنۈشلىرى مۇنداق ئىكەن:
كېننىدى ھەشەمەتلىك ساياھەت پاراخوتىدىن چۈشۈۋاتقاندا، پىرىستاندا گۇمانلىق بىر كىشى دۇربۇندا ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن قاراپ تۇرىدۇ. كېننىدى قىرغاققا چىقىپ بىر خۇسۇسىي دېھقانچىلىق مەيدانىغا كاراپ ماڭىدۇ ۋە يېرىم يولغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز يۈرىكىنى تۇتقىنىچە يېقىلىدۇ، ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان بىر گرافىنە ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھەمدە بىر نەچچە سۆلەتمەن كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى ئاتلاپ ئۆتۈشىدۇ، بەزىلىرى ئۇنىڭغا پۇتلىشىپ يېقىلىشىدۇ ... ئاخىرىدا زۇڭتۇڭنىڭ ئاغزىدىن قىپقىزىل قان ئېتىلىپ چىقىدۇ...ماكىننىڭ ئېيتىشىچە: كېننىدى بۇ فىلىمنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئالغانلىقىنى باشقىلاردىن مەخپى تۇتۇشنى قاتتىق تاپىلىغانىكەن. ماكىن يەنە كېننىدى ھايات ۋاقتىدا ھامان ئۆز ئۆلۈمىنى ئويلايتتى، دەپ جەزملەشتۈردى.