ئابلىمىت ئابدۇقادىر
ئەينەكتىكى مۇزغا ئەركىلەپ،
گۈزەل قىزدەك كۆزۈمگە چۆكۈپ؛
چاپىنىمنى سالسام تەمتىلەپ،
ئاستا – ئاستا كېتىدۇ ئۆچۈپ.
چاچلىرىغا چىرماپ ماڭار ئۇ،
ئالتۇن رەڭلىك نۇرلارنى تالاي.
قۇلىقىمغا سۆزلەيدۇ تاتلىق،
ئاق ئەتلەسلىك ساھىبجامال ئاي.
تولغىنىدۇ مەشتىكى ئوتتەك،
ئەنە شۇنداق قىشتىكى ئاپتاپ.
تولغاق يېسە ئۇ شاخلار ئارا،
قالار تېخى باھار يېلىنجاپ.