ناشتا قىلمايدىغان، ۋاقتىدا تاماق يېمەيدىغان كىشىلەردە ئۆت خالتىسى ئۇزۇن مۇددەت قورۇلماسلىق سەۋەبلىك ئۆت يولىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ سېمىزلەر، ئاياللار، 40 ياشتىن ئاشقانلار ۋە جەمەتىدە شۇ خىل كېسەللىك تارىخى بارلار ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى زۆرۈر. چۈنكى، بۇ خىل كىشىلەردە ئۆت يولى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ.
سېمىزلەر: سېمىزلەر دائىم يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بولغاچقا، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولېستىرىننىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولىدۇ.
ئاياللار: ئاياللارنىڭ ئۆت يولىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن ئۈچ-تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئۆت خالتىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
40 ياشتىن ئاشقانلار: كۆپ ساندىكى كىشلەردە ئۆت راكى 40 ياشتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ.
جەمەت تارىخى: جەمەتىدە ئۆت كېسىلى، دىيابىت كېسىلى تارىخى بارلار، ئاشقازان ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئۇزۇن مۇددەت ئۈچەي سىرتىدىن قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئېلىپ بارغانلار، ئۇزۇن مۇددەت ماينى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىستېمال قىلغانلاردا ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئۆت يولىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش خەتىرىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئۆتتىكى ئۆسمىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يوشۇرۇن بولۇپ، روشەن ئىپادىسى كۆرۈلمەيدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، كىشلەر ئېتىبار بەرمەيدۇ. لېكىن سېرىقلىق چۈشۈش بىلەن بىرگە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، كەيپىياتى سۇلغۇنلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بايقالغاندا، ئاللىقاچان بۇ كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا بەدەندىكى بىر قىسىم ئىنكاسلارغا دىققەت قىلىش لازىم. مەسىلەن، يېقىنقى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ قوزغىلىشى تېز ھەم ئېغىر بولسا؛ ئۆت خالتىسى مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى ياكى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆت ياللۇغى بىمارلىرىدا كېسەللىك ئەھۋالى تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىش، ئورۇقلاش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈش كېرەك.