ئەخلاق سىنىقى
ئى.ئېستۋان (ۋېنگرىيە)
خەمىت زىكرى تەرجىمىسى
قۇدۇقنىڭ قېشىغا كەلگەندە ماشىندىن چۈشتۈم، ئۇ يەر زاۋۇتنىڭ دەرۋازىسىغا يۈز چامداملا كېلەتتى. زاۋۇت بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن تاغلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقانىدى. ئۈزۈم، ھەر خىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان بۇ تاغنىڭ خېلى بىر قىسىم يەرلىرىدىكى دەرەخلەر كېسىۋېتىلىپ، يۇقىرى بېسىمىلىق توك سىمى تارتىلىۋېتىلگەنىدى.
زاۋۇت دەرۋازىسى ۋە ياڭيۇلۇقنى ئىت باقاتتى. دەرۋازا بېقىپ ياتقان ئىت مېنى كۆرۈپ، خەۋەرلىشىش بۆلىمىدىن يۇگۇرۇپ چىقتى - دە، ئۆتكۈر چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ قاتتىق ھاۋشىغان پېتى غەزەپ بىلەن مەن تەرەپكە ئېتىلىپ كەلدى، مىنىڭ يېنىمغا ئاز قالغاندا ئۇ خۇددى مىنىڭ قەيىرىمنى چىشلەش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقاندەك بىردىنلا توختاپ قالدى.
ئۇ نەسىللىك ئىتلاردىن ئىدى. مەن ئىتنىڭ ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم. مېنى بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ئىت چىشلىۋالغانىدى. مەن ئىچىمدە بۇ بىر كىچىك پىستىكەن، قۇرۇق پوپۇزا قىلىۋاتقىنى بولمىسا، ئادەم چىشلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، دەپ ئويلىدىم. شۇنداقتىمۇ ئىتتىك كەينىمگە يېنىپ ماشىنامغا چىقىۋالدىم. كېيىن ماشىنىدىن چۈشكىمىمدە ئىت يېنىمغا كېلىپ، قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ ماڭا ھۈرمەت بىلەن قاراپ كەتتى، ئۇ مېنىڭ كىچىك ماشىنىدا كەلگىنىمنى بىلگەنىدى. ئۇ، خۇددى مېنىڭدىن بېشىنى سىلاپ قويۇشىمنى تەلەپ قىلىۋاتقاندەك بوينىنى سوزدى.
مەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ئىچىمدە: «رەزىللەرنىڭ غالچىسى » دەپ ئويلىدىم، ئىتمۇبەلكىم شۇنداق ئويلىغاندۇ.
بۇ ھېكايە خەنزۇچە «چەت ئەل ئەدەبىياتىغا بىر نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 1987-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.