تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر نەچچە خىل يېڭى قاراش

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا مۇتەخەسسىلەر راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا بىرنەچچە خىل يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1. ئۈمىدۋار بولۇش. جىددىيلىشىش، ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇرۇش قاتارلىق ناچار كەيپىيات ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئۈمىدۋار، خوشال، ئوچۇق يورۇق بولغاندا راك كېسىلى پەيدا بولۇشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.   2. مۇۋاپىق ئۇيقۇ. راك ھۈجەيرىسى ھۈجەيرىلىرى بۆلۈنۈش جەريانىدا بارلىققا كېلىدىغان بىنورمال ھۈجەيرە. ھۈجەيرىلەر ئادەم ئۇخلىغاندا بۆلۈنىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق ئۇيقۇ ئارقىلىق ئورگانىزىمدىكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىنورمال ھۈجەيرىگە ئۆزگىرىشنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

3. ھاۋا ئالماشتۇرۇش. نۇرغۇن قۇرۇلۇش ماتېرىيالى راك پەيدا قىلىدىغان بىرخىل گاز قويۇپ بېرىدۇ، ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى ئازلاتقىلى بولىدۇ.

4. سامساق يېيىش. سامساقدىكى بەزى ماددىلار راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۆپىيىشىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ، شۇڭا دائىم سامساق يەپ تۇرۇش زۆرۈر. يەنە مۇۋاپىق مىقداردا چاي ئىچىش، يېڭى كۆكتات يىيىش ئارقىلىق راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

5. سېمىز گۆش ئىستېمال قىلىش. ئاز مىقداردا سېمىز گۆش ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قان تەركىبىدىكى خولىستېرىننىڭ بەك تۆۋەنلەپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، بەدەننىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

6. رادىئاتسىيەلىنىشتىن ساقلىنىش. ئادەم ئۇزاق مۇددەت زور مىقداردىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۇچراشسا، تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تۈرلۈك ماددىلاردىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئازايتىش، كومپيۇتېر، تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا بەك ئۇزاق ئولتۇرماسلىق لازىم.

7. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش. چىلىغان كۆكتاتنى، ئوتتا پۇچۇلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى زىيادە كۆپ ۋە ئۇزاق ۋاقىت يېيىشتەك ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتمەسلىك راك كېسىلى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز