تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئادەم كۈلمەيدىغان يۇمۇرلار

قۇشقاچ: سەن بۈركۈتنى ئۇرۇشقا پىتىنالامسەن؟
كەپتەر: ئەلۋەتتە.
بىر ئازدىن كىيىن كەپتە بەدىنىدە بىرتالمۇ تۈكى قالمغان ھالەتتە قايىتىپ كەپتۇ، بۇنى كۆرگەن قۇشقاچ ھەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ؟
-نىمە ئىش بولدى؟ 
-بۈركۈتنى قانىتىم بىلەنلا جايلىۋەتتىم.

 

 

پويىز كېلىپ قالىدۇ


ۋېل كىنوخانىدا كىنو كۆرۈۋاتاتتى. ئېكراندا بىر ساھىبجامال قىز پەيدا بولدى. دەريا بويىدىكى بۇ قىز يېشىنىپ سۇغا چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۈستىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كىيىمنى سېلىۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پويىز ئۇنى توسۇۋالدى.
پويىز ئۆتۈپ بولغاندا، قىزمۇ سۇغا چۈشۈپ بولغانىدى. بۇ چاغدا، ۋېل يېنىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ غۇدۇرىغىنىنى ئاڭلاپ قالدى:
_ ئاناڭنى!
_ نېمە بولدى، ئەپەندى؟ _ دەپ سورىدى ۋېل.
_ نېمە بولاتتى؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ھېلىقى كىشى ئاچچىقلانغان ھادا، _ بۇ كىنونى بەشىنچى قېتىم كۆرۈشۈم، ھەر قېتىم مۇشۇ يېرىگە كەلگەندە پويىز كېلىپ قالىدۇ.

 

ئاياللار بولمىغان بولسا

 

بىر ئايال ئېرىنىڭ ئىشتىنىنىڭ تۈگمىسىنى قاداۋېتىپ كوتۇلداپتۇ:
_ ئەگەر دۇنيادا ئاياللار بولمىغان بولسا، سىلەر ئەرلەر قانداق ياشىغان بولاتتىڭلار!
_ بۇنىڭدىن غەم يېگۈدەك نەرى بار؟ ئەگەر ئاياللار بولمىغان بولسا، بىز ئەرلەر ئىشتان كىيىمەن، دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيتتۇق.

 

شاللاقلىققا يارىشا جاۋاب

دېڭىز ساھىلىدىكى مېھمانخانىدا تۇرىدىغان بىر ساھىبجامال قىز نېپىز ئۇخلاش كىيىمىنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئىچىملىك كىيىمىنى ئارتىپ، پەرداز ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تارىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئەينەكتىن بىر تازىلىق ئىشچىسىنىڭ دېرىزە سۈرتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى «غىدىقلاپ' قويغۇسى كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ راھەتلەنگەن ھالدا كېرىلىپتۇ. بىراق، تازىلىق ئىشچىسى پەرۋا قىلماپتۇ. قىز ئۆي ئىچىملىك كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، نېپىز ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا دېرىزىگە يېقىنلىشىپ، ھەر خىل نازلىق قىلىقلارنى قىپتۇ، لېكىن تازىلىق ئىشچىسى يەنىلا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماپتۇ. قىز ئۇخلاش كىيىمىنىمۇ سېلىۋېتىپ، قىپيالىڭاچ ھالدا دېرىزە ئالدىغا كېلىپ، ئىشچىغا غەزەپ بىلەن قاراپتۇ. بۇ چاغدا، تازىلىق ئىشچىسى ئېغىز ئېچىپتۇ:
_ خېنىم، سىز بىرەر كىشىنىڭ دېرىزە سۈرتكىنىنى كۆرۈپ باقمىغانمۇ؟

 

ھەقسىز نىكاھتىن ئاجرىشىش

داننى خانىم: جېننى، ئاڭلىشىمچە ئېرىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىپسەن، ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشكە ئاران بىر ھەپتىلا ۋاقىت ۋاقىت كېتىپتۇدەك. سەن ئادۋوكاتقا نۇرغۇن پۇل بەرگەن ئوخشايسەن-ھە!
جېننى: نەدىكىنى، بىر تىيىنمۇ بەرمىدىم.
داننى خانىم: نېمىشقا؟
جېننى: چۈنكى، ئاشۇ ئادۋوكات مېنىڭ بولغۇسى ئېرىم بولۇپ قالدى

ئۆي سالماق ئاسان

ئا: تۇنجى قىتىم سەھنىگە چىققنىمدا تاماشىبىنلار سوۋغا قىلغان گۈللەر بىر گۈل دۇكىنى ئىچىشىمغا يەتكۈدەك بولغان.
ب:مەن سەھنىگە تۇنجى قىتىم چىققاندا بىر ئۆيلۈك بولۇپ قالغىلى تاسلا قالغان،
ئا: پو ئاتمىغانسەن؟
ب: راست دەۋاتىمەن، تاماشىبىنلار بىر پارچىدىن قىش ئاتقان...

 


ئاخماق مۇئەللىم


پىروفسور: ئەخمەقنىڭ سورىغان سۇئالىغا ئەقىللىق ئادەمنىڭ جاۋاپ بەرمىگى تەس.
ئوقۇغۇچى: شۇڭا ھەر قىتىملىق ئىمتىھانىڭىزدىن ئۆتەلمەپتىكەنمەندە ...

 


ھوشىدىن كەتتى....


ئاپىسى: تىز بول، دورا ئەكەل، داداڭ ھۇشىدىن كەتتى،
ئوغلى: دادامغا نىمە بولدى؟
ئاپىىسى: يازغان ماقالەڭدە پەش، چىكىت بولمىغاچقا، ئوقۇۋىتىپ تىنىقى يىتىشمەي قىلىپ ھۇشىدىن كەتتى.

 


ئېنگىلىزچە بىلىمەن...


گىرمانىيىلىك بىر بۇلاڭچى سوتلىنىپتۇ. سوتچى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ؟
-ئىنگىلىزچە سۆزلىيەلەمسەن؟
-بىرلا ئىغىز سۆزنى بىلىمەن.
-قىنى دەپ باقە؟
-پۇلۇڭنىڭ ھەممىسىنى چىقار...

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز