خاسلىق تەربىيەسى ۋە مائارىپ
ياسىن ئابدۇقادىر
(قاراقاش ناھىيە قاراساي يېزىلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
دۇنيادا ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى تال دەرەخ يوپۇرمىقى بولمىغىنىدەك، ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇغما تالانتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يەككە تەندىكى پەرقنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇد ئىكەنلىكىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، خاسلىققا ھۆرمەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ دەرس ئۆتۈش بولسا بۈگۈنكى مائارىپنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى. يىللاردىن بويان بىزنىڭ مەكتەپ مائارىپىمىزدا، بولۇپمۇ ئەخلاق تەربىيەسىدە ئوپچە تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ يېتىلىشىگە سەل قاراش؛ قائىدە-تۈزۈم بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىندىۋىدۇئال پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشىگە سەل قاراشقا ئوخشاش روشەن ئېغىش مەۋجۇد. ئۇندىن باشقا يەنە ئاساس مائارىپ باسقۇچىدا «چوڭ بىر تۇتاش بولۇش»ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ. بىر تۇتاش پروگرامما، بىرتۇتاش ئوقۇشلۇق، بىر تۇتاش دەرس، بىر تۇتاش تەلەپ، بىر تۇتاش ئىمتىھان، بىر تۇتاش قوبۇل قىلىش... قا ئوخشاش «بىرلا پىچاق بىلەن كېسىۋېتىدىغان مائارىپ تۈزۈلمىسى ئاستىدا، مائارىپچىلار ئوخشاش مائارىپ نىشانى، ئوخشاش مائارىپ ئۆلچىمى بىلەن مائارىپ پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش مائارىپ ئەندىزىسى ۋە ئوخشاش مائارىپ تاكتىكىسى بىلەن مائارىپ پىلانىنى يولغا قويۇپ ئادەتلەنگەن. نەتىنجىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال خاراكتېرى، يوشۇرۇن قابىلىيىتى، قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئايرىم پەرقلەر ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىش تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرى ئېتىبارسىز قارالغان.
سوقرانىڭ خاسلىق تەربىيەسى ھەققىدىكى ئورۇنۇشلىرى 2400 يىل كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە قۇياشتەك پارلىماقتا:
سوقرانىڭ يېنىغا بىر شاگىرتى كېلىپ سوراپتۇ:
-ئۇستاز، ئىشلارنىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىنلا قىلامدىمەن؟
-ياق، ئىشلارنى ئاڭلاپ بىر ئازدىن كېيىن قىلىشقا باشلايسەن، - دەپتۇ سوقرات.
بىردەمدىن كېيىن يەنە بىر شاگىرتى كېلىپ سوراپتۇ:
-ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا قىلامدىمەن؟ - دېگەن باياتىنقى شاگىرتى سورىغان سوئالنى سوراپتۇ.
-ھەئە، ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا دەرھال كىرىشكىن، - دەپتۇ سوقرات.
سوقراتنىڭ يېنىدا تۇرغان بىر شاگىرتى ھەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ:
-ئۇستاز، نېمە ئۈچۈن بىر سوئالغا ئىككى خىل جاۋاب بېرىسىز؟
سوقرات كۈلگىنىچە مۇنداق دەپتۇ:
-ئالدىدىكى شاگىرت سەل ئالدىراڭغۇ، ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا كىرىشسە، چاتاق چىقىرىپ سالىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئالدىرىمايراق كىرىشىشى كېرەك. كېينكى شاگىرت سەل سۆرەمراق، ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا كىرىشمىسە يېتىشىپ بولالمايدۇ. شۇڭا، ئالدىراپ ئىشقا كىرىىششى كېرەك.
بىر كۈنى بىر ياش سوقراتتىن تەلىم ئالغىلى كەپتۇ. بىراق، سوقراتنى كۆرۈش بىلەنلا ۋاتىلداپ سۆزلەپ ئۆزىنىڭ بىلىمىنى كۆز-كۆز قىلغىلى تۇرۇپتۇ.
سوقرات ئاخىرى بولماي قولىنى شىلتىپ ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىپتۇ:
-سىز ئىككى كىشىلىك ئوقۇش ھەققى تاپشۇرمىسىڭىز بولمايدۇ.
-نېمىشقا؟ - ئۇ ياش بۇنىڭدىن خورلۇق ھېس قىلىپ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ.
-چۈنكى، - دەپتۇ سوقرات، - مەن ئاۋۋال سىزگە ئاغزىڭىزنى قانداق يۇمۇشنى ئۆگىتىپ، ئاندىن يەنە ئاغزىڭىزنى قانداق ئېچىشنى ئۆگەتسەم بولغۇدەك.
بىر كۈنى سوقراتنىڭ شاگىرتلىرى جەم بولۇپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ. باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بىر شاگىرت ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئائىلىسىنىڭ ئافېنا ئەتراپىدا بىپايان يەرگە ئىگە بولغانلىقىنى سۆزلەپ ماختىنىپتۇ.
ئۇ تازا پو ئېتىۋاتقاندا، بىر تەرەپتە ئۈن- تۈنسىز ئولتۇرغان سوقرات بىر پارچە خەرىتىنى چىقىرىپ ھېلىقى ئوقۇغۇچىدىن:
-تېپىپ باقە، بۇ خەرىتىدە ئاسىيانىڭ ئورنى قەيەردە؟ - دەپ سوراپتۇ.
-مۇشۇ چوڭ بىر پارچە يەر شۇ، - دەپتۇ ھېلىقى شاگىرت ۋە ئۆزىنىڭ كۆرسىتىپ بېرەلىكىنىدىن كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ.
- ناھايىتى ياخشى! ئۇنداقتا يۇنان قايەردە؟ - دەپ سوراپتۇ سوقرات يەنە.
ھېلىقى شاگىرت ئاران تەسلىكتە خەرىتىدىن بىر كېچىك دائىرىنى تېپىپ كۆرسىتىپتۇ. ئۇنىڭ دائىرىسى ئاسىيا بىلەن سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ كىچىك ئىدى.
- ئۇنداقتا ئافېنا قەيەردە؟ يەنە سوراپتۇ سوقرات پەس ئاۋازدا.
- ئافېنا. . . بۇيەر بەك كىچىككەن. . . مۇشۇ يەرمىكىن، - دەپتۇ ھېلىقى شاگىرت، - دەپتۇ ھېلىقى شاگىرت كىچىككىنە دائىرىنى كۆرسىتىپ.
ئاخىرىدا سوقرات ھېلىقى شاگىرتىغا قاراپ:
- ئەمدى سەن بۇ خەرىتىدىن ئائىلەڭلەرنىڭ ئىلكىدىكى بىپايان زېمىننى تېپىپ باققىن، - دەپتۇ.
شاگىرت قارا تەرگە چۈمۈپ بىر ھازا ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بىپايان زېمىنىنىڭ سايىسىنىمۇ تاپالماپتۇ – دە، ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
- ئۇستاز كەچۈرۈڭ مەن تاپالمىدىم، - دەپتۇ.
يۇقىرىقىلاردىن سوقراتنىڭ خاسلىق تەربىيەسىگە نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغدنلىقىنى كۆرىۋالايمىز. سوقرات بىزگە ياخشى بىر ئۆلگە.
«سېرىكچىنىڭ شىرى ۋە ئورماندىكى شىر» ناملىق ماقالەمدە مەن مۇنداق دېگەنىدىم: «دەرس ئوخشىغان بىلەن بالىلار ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇللار بىلەن قىزلار بىرگە ئوقۇۋاتىدۇ. بىر سىنىپتا 40 ئوقۇغۇچى بار بولسا ئوقۇتقۇچى 40 خىل ئۆزگىرەلىسۇن. خاسلىق تەربىيەسىگە سەل قاراش بىزدىكى بىر مائارىپ كېسىلى. يېڭى دەرس چوقۇم خاسلىقنى ھۆرمەتلەش مائارىپى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار گۆشتە ياسىغان ماشىنا ئادەم بولۇپ قالسا بولمايدۇ. مائارىپشۇناس فېڭ جيەنجۈن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «خاسلاشقان تەربىيە كېيىنكى سانائەت دەۋرى مائارىپىنىڭ بىردىنبىر ھالىتى بولۇپ قالىدۇ» . ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھازىرقى تىل- ئەدەبىيات دەرسى ھەممە ساھەلەرگە چېتىلالايدۇ. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ئىشتا ئالاھىدىلىكى بولمىسا يەنە بىر ئىشتا ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. شۇڭا، دەرس مەزمۇنىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا سەھنە ھازىرلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن: مۇھەممەد دەرسنى ئانچە ياخشى بىلمىگىنى بىلەن ئاتنى ياخشى مىنىدۇ. مۇئەللىم «ئات» دېگەن دەرستە ئات مىنىشنى دەرس تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ؛ سەمەت بۈگۈنكى دەرسكە ياخشى جاۋاب بېرەلمىگىنى بىلەن موللاقنى ياخشى ئېتىشى مۇمكىن. مۇئەللىم «موللاقچىلىقنى ئۆگىنش» دېگەن دەرستە موللاق ئېتىشىنى دەرس تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچى ماشىنا ئەمەس. ئۇنىڭدا يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان ھېسسىيات بار. شۇڭا، سىز سىنىپقا ھەركۈنى يېڭى ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىرىڭ».
شىر پادىشاھ ئۆز ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، قوشنا دۆلەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ھۆمرانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولۇپتۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى جەڭگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋەزىرلەرگە ھەربىي يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى، ھايۋانلارنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋەزىپىگە قويىدىغانلىقىنى پۈتۈن ئورمان ئەھلىگە ئۇقتۇرۇش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
شىر پادىشاھ پىلنى ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئالدىنقى سەپكە توشۇشقا، ئېيىقنى دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ ئاتاكىغا ئۆتۈشكە، تۈلكىنى جەڭ پىلانى تۈزۈپ مەسلىھەتچىلىك قىلىشقا، مايمۇننى دۈشمەن تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلەپ خەۋەر يەتكۈزۈشكە بۇيرۇپتۇ.
-بولدى، ئېشەكلەرنى كەتكۆزىۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئىنكاسى بەك ئاستا، ياۋا توشقانلارچۇ تېخى، ئۇلار دىكىلداپ قالايمىقان سەكرەپ يۈرۈپ جەڭ قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ، - دەپ پىكىر قىلىپتۇ بەزى ھايۋانلار.
-بۇنداق دېگىنىڭلار توغرا بولمىدى، -دەپتۇ شىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ گېپىگە رەددىيە بېرىپ، - مەن ئۇلارنى ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ جەڭدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرىمەن. ئېشەكنى بىز كانايچى قىلساق بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ ئاۋازى دۈشمەنلەرنى قورقۇتۇپ، ھەيۋىسىنى سۇندۇرالايدۇ، مېنىڭچە، بۇ جەھەتتە ئېشەكنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغانلار يوققۇ دەيمەن. ياۋا توشقانغا كەلسەك، چاققان، تېز يۈگۈرۈش ئۇنىڭ قابىلىيىتى، بىز ئۇنى جەڭ مەيدانىدىكى خەۋەرچى ياكى ئالاقىلەشكۈچى قىلىپ ئىشلەتسەك نېمىسى بولمايدىكەن؟
پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھايۋانلار باشلىرىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭغا قايىل بولۇپتۇ. جەڭ باشلانغاندىن كېيىن، دېگەندەك ھەممە ھايۋان ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپىلىرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپتۇ. قىسقىغىنا بىر نەچچە ئايدىلا ئۇلار زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ.
توشقان يۈگۈرۈش ماھىرى. ئەمما، ئۇ سۇ ئۈزەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن توشقاننىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنى سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاپتۇ. توشقان يېرىمدىن كۆپرەك ئۆمرىنى سەرپ قىلىپمۇ سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنەلمەپتۇ ۋە ناھايىتى ئازابلىنىپتۇ. مۈشۈكياپىلاق: «توشقان يۈگۈرۈش ئۈچۈن تۇغۇلغان. ئەمدى بۇنىڭ بۇ خىل ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان مەيدان ھازىرلاپ بېرىش كېرەك» دەپتۇ.
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن مەكتەپ، ئائىلە ئوخشاشلا بىر قائىدىنى تەشەببۇس قىلدۇ. ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەردىن ئۆزلىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تىرىشىپ تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمىمىزنىڭ لايىھەسى چاشقان تۇتىدىغان تاختا مۈشۈككە ئوخشايدۇ. پۈتۈنلەي كىشىنىڭ ئاجىزلىقىغا، كەمچىلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئەمەس. ئوقۇتقىچىلار، ئاتا- ئانىلار كۆپ ۋاقتىنى بالىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزىتىشكە سەرپ قىلىپ، بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى پەنلىرىگە قارىماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئەڭ ناچار پېنىگە ئېسلىۋالىدۇ. بۇ، توغرا ئەمەس.
ھازىرقى مائارىپنى «پۇتنى يۇنۇپ ئۆتۈككە سىغدۇرۇش» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگۈم كېلىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئاياغ پۇتقا پاتماي قالسا، ئادەتتە بىز ئاياغنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىمايمز، ئەكسىچە، بالىنىڭ كىچىككىنە پۇتىنى ئاز- ئازدىن «يۇنۇيمىز». يەنە تېخى بۇنى «تەربىيەلەش» دەپ ئاتىۋېلىپ، مائارىپنىڭ «تۆھپە» سى دەپ قارايمىز. بىز دائىم مەكتەپنى «باغچە» گە ئوخشىتىمىزغۇ. ئەمىسە، سوراپ باقاي، قايسى باغچە ھەممە گۈللەردىن برلا ۋاقىتتا ئېچىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟ جۇڭگولۇقلار «گۈزەللەشتۈرۈش» نى ياخشى كۆرىدۇ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن بىزار بولغان بالىلار بىلەن تولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، بىز مەكتەپنى «راھەتباغ» دەپ ئاتايمىز. بىز «ئارىلىشىۋېلىش» نى «مۇھەببەت» دەپ، ئوقۇتقۇچنىڭ «ئۆزىنى ئاساس قىلىۋېلىشى» نى «ئوقۇتۇش سەنئىتى» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.
«بېيجىڭ بىلەن شياڭگاڭ ئارىلىقىدا يۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان بىر خانىم مۇنداق دەيدۇ: ‹قىزىم بېيجىڭدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىغىچە ئوقۇدى، ئۇنىڭدىن كېيىن شياڭگاڭدا ئىنگلىز تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە سەككىز يىل ئوقۇدى. شىياڭگاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈلمىسى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بەزى جايلىرى بىلەن تولىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلار دەرسنى ئۆلۈك يادلايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلاردىن قارىسىغا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلاردا تاللاش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچى نېمىنى ئۆگەتسە، ئوقۇغۇچى شۇنى ئۆگىنىدۇ. مەكتەپتە ئاساسەن دەرستىن سىرتقى پائالىيەت يوق.
مۇنداق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قىزىمنى بىر ئامېرىكىلىق ئاچقان خەلقئارالىق مەكتەپكە ئالماشتۇردۇم. قىزىمنى باشلاپ تىزىملاتقىلى كەلگىنىمدە، خۇدىمنى يوقىتىپ قويدۇم. بۇيەردە ھەممە دەرسلەرنى ئۆزىمىز تاللايدىكەنمىز. 30 خىل تەنتەربىيە، 20 خىل سەنئەت تۈرىدىكى دەرسلەر بولۇپ، ماتېماتىكا دەرسىنى ئوخشاش بىر سىنىپتا، ئادەتتىكى ماتېماتىكا، ئالىي ماتېماتىكا، ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكىسىدىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان سەۋىيەدىكى ماتېماتىكا دەرسىگە تىزىملىتىشقا بولىدىكەن. . . جەمئىي سەككىز دەرس بولۇپ، سەككىز ئوخشاش بولمىغان سىنىپقا كىرىدىكەن، سەككىز گۇرۇپپىدىكى ئوخشاش بولمىغان سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان دەرسلەرنى ئوقۇيدىكەن، ئۆزىنىڭ قايسى سىنىپقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. كومپيۇتېردا دەرس ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا بۆلۈمىدە 700 ئوقۇغۇچى بولۇپ، 700 دەس سېتكىسى بار ئىكەن.
قىزىم ھەقىقەتەن ‹ئىلگىرى باستىم› دەپ خۇشاللاندى. بۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى ئىدى. مانا بۇ خەلقئارالىق مەكتەپ بىلەن بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىكى پەرق». ( «700 ئوقۇغۇچى 700 دەرس سېتكىسى»، «بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى» دىن) بۇ مەكتەپ خاسلىق تەربىيەسىگە نەقەدەر ئەھمىيەت بەرگەن-ھە!
«ھەر تەرەپلىمە يېتىلىش بىلەن ئىندىۋىدۇئال يېتىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش»، « ھەر تەرەپلىمە يېتىلىش بىلەن ئىندىۋىدۇئال يېتىلىش ئۆزئارا ماسلاشقان بولىدۇ » . يولداش خۇجىنتاۋنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن بۇ سۆزى چىن مەنىدىن قىلىپ ئېيتقاندا مائارىپنىڭ تولۇق يەشمىسى بولدى. قازاندا بولسا چۈمۈچكە چىقىدۇ، شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە كۆپ قىرلىق ئىقتىدار يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ماسىلوۋ مۇنداق دەيدۇ: «سىزدە بارى پەقەتلا بىر بولقا بولسا ھەممىلا نەرسىنى مىخ دەپ ئويلايسىز ». سىزدە ھەرتەرەپلىمە بىلىم بولسا سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى مىخ دەپ ئويلىمايسىز-دە، ياخشى سىنىپ مۇدىرى بولالايسىز.
پايدىلانمىلار:
1 . ۋاڭ فېڭشيەن تۈزگەن، مۇتەللىپ مۇھەممەد تەرجىمە قىلغان: «دۇنيا تارىخىدىكى بۈيۈك شەخىسلەر- سوقرات»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1999- يىلى نەشرى.
2. ئادىل رەشىىد، مۇھەممەدئابدۇللا ھۈسۆيۈن نەشرگە تەييارلىغان: «مائارىپ لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىلى نەشرى.
3. تەلئەت قادىرى: «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ، 2009- يىلى نەشرى.
4. «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانى