تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

1. قەھۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. ئامرىكا يېمەكلىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، قەھۋە ئادەمنىڭ بەدىنىنى غىدىقلاپ ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

 2. ئېرىمچىك. يېمەكلىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ئېرىمچىكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئامىنو رادىكالى ئامىن كىسلاتاسى تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، ئادەم مېڭىسىنىڭ سەگەك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

 3. مۇچ. كەچلىك تاماقتا مۇچ كۆپ سېلىنغان تاماقلارنى كۆپ يىگەندە ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مەيدىسى قاينايدىغان كىشىلەر كەچلىك تاماقتا مۇچلۇق تاماقلارنى كۆپ يىگەندە ياتقاندىن كېيىن كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىكەن ھەم ئۇخلىيالمايدىكەن، شۇڭا مۇتەخەسسسىلەرنىڭ تەكلىپى مۇچلۇق تاماقلارنى كەچتە يېمەسلىك.

 4. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياكى ئوتتا قاقلاپ پىشۇرۇلغان گۆش تۈرلىرى. يېمەكلىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياكى ئوتتا قاقلاپ پۇشۇرۇلغان گۆش تۈرىلىرى تەركىبىدە ئامىنو رادىكالى ئامىن كىسلاتاسى تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ ئادەم مېڭىسىنىڭ سەگەك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ، ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

 5. ھاراق. ئىسپىرتنىڭ تەركىبىدە مېڭىنى تىنىچلاندۇرغۇچى ماددا بار بولۇپ غەلىتە يېرى شۇكى ئىسپىرت ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچىپ ناھايىتى قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەندەك قىلسىمۇ ئىككىنچى كۈنى ناھايتى ھارغىن تۇرىدىكەن.

 6. سۈتلۈك شاكىلات. سۈتلۈك شاكىلات تەركىبىدە تىروزىنازا ماددىسى بار بولۇپ چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

 7. ئادەمگياھ چېيى. بىر قىسىم دورىلىق چايلار ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى ياخشىلايدۇ، بىراق ئادەمگياھ چېيى ئۇنداق ئەمەس، يېمەكلىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ئۇخلاشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن ئادەمگياھ چېيى ئىچمەسلىك كېرەككەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز