قارا بۆلجۈرگەن: قارا بۆلجۈرگەندە پولىفېنول مول، ئۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە يېمەكلىك تالاسى ۋىتامىن C، تۆمۈر، كالتىسىي ۋە ۋىتامىن A بار.
كۆك ئەينۇلا: كۆك ئەينۇلا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇنىڭدىكى خىمىيىۋى ماددىلار ئارتېرىيەنى كېڭەيتىپ، قان ئېقىمىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىمۇ بار، يەنە تالا بىلەن ۋىتامىن C كۆپ، ئۇنى دائىم يەپ بەرگەنلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى ئالدىراپ قوزغالمايدۇ.
بۆلجۈرگەن: بۆلجۈرگەندە ۋىتامىنلار ئىنتايىن مول، شۇڭا يۈرەكنى قوغدايدۇ. ئۇ فولىك كىسلاتاسىنىڭ مەنبەسى، فولىك كىسلاتاسىمۇ يۈرەكنى قوغدايدىغان ماددا. بۆلجۈرگەندىكى خىمىيىۋى ماددىلار كۆك ئەينۇلاغا ئوخشاش ئارتېرىيەنى كېڭەيتىپ، قان پىلاستىنكىلىرى ئۇيۇشۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.