ئارزۇ تولدۇرغاندا مەكتەپ بىلەن كەسىپنىڭ قايسىسىنى ئالدىنقى ئورۇن قويۇشتا، مۆلچەرلىگەن نومۇرى ئالاھىدە يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ياقتۇرغان مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللىسا بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ مۆلچەرلىگەن نومۇرى ئالاھىدە يۇقىرى ئەمەس، ئەمما ‹‹985 قۇرۇلۇشى››، ‹‹211 قۇرۇلۇشى››دىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ نومۇر سىزىقىغا يەتسە، لېكىن بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى ئارزۇ قىلغان كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بولمىسا ياكى ئۆزى ياقتۇرغان كەسىپلەرگە ئۆتەلمىگەن بولسا، كەسىپتىن ۋاز كېچىپ مەكتەپنى تاللاشمۇ ئاقىلانىلىك. ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى يۇقىرىقىدەك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇرىغا يەتمىسە، مەكتەپتىن ۋاز كېچىپ، كەسىپنى تاللىغان تۈزۈك، لېكىن مەكتەپ تاللاشتىن ۋاز كەچكەندە، ھەرگىز كەسىپ تاللاشتىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.