تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئابدۇللا ياقۇپ: كۆڭۈل سۆيگۈسىدىن تامغان قەترىلەر



كۆڭۈل سۆيگۈسىدىن تامغان قەترىلەر





ئابدۇللا ياقۇپ


چىرايلىقتۇر


نۇرانە قامىتىڭ ئايدەك، نەپىس ھالىڭ چىرايلىقتۇر،
قىزىل مەڭزىڭگە رەڭ بەرگەن زىناق-خالىڭ چىرايلىقتۇر.

كۆزۈڭدىن تۆكۈلەر شولا قارا كىرپىكلىرىڭ تال-تال،
بويوڭ بەك ئەۋرىشىم، زىلۋا يېشىل تالىڭ چىرايلىقتۇر.

لېۋىڭدىن ئۇقچۇغان كۈلكە قىلار كۆڭلۈمنى مەستانە،
ماڭا بىر قايرىلىپ باقساڭ خۇلق-نازىڭ چىرايلىقتۇر.

قىرانلىق چاغلىرىڭ تۈزدى ھايات سەيناسىغا بەزمە،
شاراب ئىچسەم ئەقىدەڭدىن قەدەھ-جامىڭ چىرايلىقتۇر.

نىچۈن زوقلانمىسۇن بۇ جان كۈيۈڭنىڭ ئەۋجىدىن دىلبەر،
سەھەردە ئاڭلىسام ياڭراق مۇقام-سازىڭ چىرايلىقتۇر.

تالاي ئاتەشتە ئۆرتەندىم بولۇپ يانىڭدا پەرۋانە،
مۇھەببەت تەپتىدىن يانغان چىراق-شامىڭ چىرايلىقتۇر.

دىلىمدا ھېسلىرىم تاشتى سۆيۈنگەچ سەن ۋاپاداردىن،
ساداقەت دۇرلىرى تولغان گۆھەر كانىڭ چىرايلىقتۇر.

ۋىسالىڭ باغلىرى ياشناپ كۆمۈلدى گۈل-چېچەكلەرگە،
ھاياتقا خۇشپۇراق چاچقان باھار-يازىڭ چىرايلىقتۇر.

گۈزەللىك ئالىمى ئىچرە تېپىلماس تەڭدىشىڭ ھەرگىز،
قۇياشتەك چاقنىغان ھۆسنۈڭ، سېنىڭ بارىڭ چىرايلىقتۇر.

ئايغا  ئوخشاتتىم سېنى


رەڭگى-رۇخسارىڭ چىرايلىق، ئايغا ئوخشاتتىم سېنى،
چاڭقىسام شەربەت قېتىلغان چايغا ئوخشاتتىم سېنى.

ئەيلىدى قەلبىمنى خۇشتار ناز-كەرەشمەڭ شوخلۇقۇڭ،
ئىشتىياقىم يايلىقىدا تايغا ئوخشاتتىم سېنى.

  كۆزنى چاقسا نۇر چېچىپ ھۆسنۈڭگە ئەتلەس كۆينىگىڭ،
رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ئېچىلغان جايغا ئوخشاتتىم سېنى.

قوغلىسام قاچتىڭ ئېقىن بويلاپ قاقاھلاپ سۇ چېچىپ،
قىلىقىڭ تاتلىق نېمانچە، بالغا ئوخشاتتىم سېنى.

كۆزلىرىڭ نۇرانە، زىلۋا بويلىرىڭدۇر ئەۋرىشىم،
يەلپۈنۈپ تۇرغان شامالدا تالغا ئوخشاتتىم سېنى.

شاتلىقىڭ قايناق بۇلاقتەك بولدى ۋەسلىڭ قۇتقا يار،
مەڭزىدە ياشلىق ھاياتنىڭ خالغا ئوخشاتتىم سېنى


ئامرىقىم


سۆيگۈدىن باشىڭغا ئالتۇن ياغدۇرايمۇ ئامرىقىم،
يۈرىكىڭدە قايتىدىن  ئوت ياندۇرايمۇ ئامرىقىم.

ئىشتىياقنىڭ چۆللىرىدە چاڭقىساڭ ھالدىن كېتىپ،
لەۋلىرىمنىڭ شەربىتىگە قاندۇرايمۇ ئامرىقىم .

مەن قىلىپ ناخشامنى تەڭكەش كۈيلىرىڭنىڭ ئەۋجىگە،
ئاخشىمى سازىڭنى مۇڭلۇق چالدۇرايمۇ ئامرىقىم .

سېنى دەپ باغىمدا شاختىن ئالمىنى قويدۇم ئۈزۈپ،
خالىساڭ ئۇنى قولۇڭغا ئالدۇرايمۇ ئامرىقىم .

كۆزلىرىڭ نۇرغا چۈمۈپ مەڭزىڭدە كۈلكە ئوينىسا،
خۇلقى-نازىڭنى دىلىمدىن ياقتۇرايمۇ ئامرىقىم،

تەنگە زوقنى يامرىتىپ، ئالامچە شاتلىق قاينىتىپ
سۆيگۈدىن قەلبىڭدە دەريا ئاقتۇرايمۇ ئامرىقىم

كەلدىڭمۇ يار


مېنى شادلىق ئىلكىدە يايراتقىلى كەلدىڭمۇ يار،
دىلدا ئىشقىمدىن قىيان قايناتقىلى كەلدىڭمۇ يار.

ئۇچسا ئاسمان قەھرىگە ياڭراپ يېقىملىق كۈيلىرىم،
سەنمۇ سازىڭ تارىنى سايراتقىلى كەلدىڭمۇ يار.

قارا ساچىڭ يەلپۈنۈپ چېھرىڭدە كۈلكە ئوينىسا،
كۆزلىرىڭنى نۇر قىلىپ چاقناتقىلى كەلدىڭمۇ يار.

لەۋلىرىڭنىڭ لەززىتى كۈلدۈرسە جاننى ياشنىتىپ،
ماڭا مېھرىڭ قەنتىنى چايناتقىلى كەلدىڭمۇ يار.

رەڭ بېرىپ قەلبىم دالاسىغا باھارىڭ ھۆسنىدىن،
ئۇندا خۇشبۇي گۈل-چېچەك ئايناتقىلى كەلدىڭمۇ يار.

زەر چېچپ تاڭنىڭ قۇياشىدەك ساداقەت كۆكىدە،
سۆيگۈمىزنىڭ ۋەسلىنى پارلاتقىلى كەلدىڭمۇ يار.

بەخش ئېتىپ جىسمىمغا زوق ئوتلۇق مۇھەببەت تەپتىدىن،
بۇ ھاياتىم باغىنى ياشناتقىلى كەلدىڭمۇ يار.


بارمۇ؟


چىرايىڭدا كۈلەر غۇنچە گۈزەل مەڭزىڭدە خال بارمۇ؟
يۇتاي لەززەتنى ۋەسلىڭدىن لېۋىڭ جامىدا بال بارمۇ؟

تۆكۈلسە كىرپىكىڭ تال-تال ئەجەپ ھۆسنۈڭگە بولدۇم لال،
قارا كۆزۈڭ قۇچاقىدا كۈلۈپ تۇرغان مارال بارمۇ؟

جىمى ئۇزلۇق سىياقىڭدا، كۆيەرمەن ئوت پىراقىڭدا،
لاتاپەت كۆكىدە سەندەك يېنىپ تۇرغان ھىلال بارمۇ؟

ھارارەت قوينىدا ھالسىز ئۆتەر چاڭقاقلىقىم قانماي،
ئىچەي قەترە ۋۇجۇدۇڭدا ئېقىپ تۇرغان زىلال بارمۇ؟

بولۇپ سالقىن كۆڭۈل باغىم تومۇزدا سەگىدى جانىم،
سىياھ زۇلپىڭنى يەلپۈتكەن يېنىڭدا شوخ شامال بارمۇ؟

ساڭا باغلاپ ساداقەتنى، چېكىپ كەلدىم رىيازەتنى،
جۇدا قىلماققا قىسمەتتىن مېنى سەندە ئامال بارمۇ؟

سېغىندىڭمۇ يار


گۈزەل بېغىم ھاۋاسىنى سېغىندىڭمۇ يار،
كاككۇكلارنىڭ ناۋاسىنى سېغىندىڭمۇ يار.

جۇشقۇن ھايات مۇڭلىرىغا قىلغۇم بار تەڭكەش،
دۇتارىمنىڭ ساداسىنى سېغىندىڭمۇ يار.

سەيلە قىلساق زىلال سۇلار شارقىراپ ئاققان،
ئېگىز تاغلار داراسىنى سېغىندىڭمۇ يار.

جان يايرىتىپ ھەممە يەرنى پۈركىگەن ھىدقا،
گۈل-چىمەنلەر ئاراسىنى سېغىندىڭمۇ يار.

كۆز چاقنىتىپ كىيگەن لىباس ئەتلەس شايىدىن،
يۇرتىمىزنىڭ دالاسىنى سېغىندىڭمۇ يار.

ياز پەسلىدە يولغا قاراپ تەلمۈردۈم ساڭا،
ئوتلۇق كۆزۈم قاراسىنى سېغىندىڭمۇ يار.

چاچسام ئىدىم قۇياش كەبى قەلبىڭگە ئاتەش،
يۈرىكىمنىڭ ۋاپاسىنى سېغىندىڭمۇ يار.


مەيلىمۇ دىلبەر


بولۇپ ئاپتاپ جامالىڭغا چېچىلسام مەيلىمۇ دىلبەر،
بولۇپ بىر گۈل قۇچاقىڭدا ئېچىلسام مەيلىمۇ دىلبەر.

ھايات سەيناسىدا مېھرىڭ ئەزىم دەريا بولۇپ ئاقسا،
بولۇپ قەترە زىلالىڭغا قېتىلسام مەيلىمۇ دىلبەر.

يېقىملىق كۈيلىرىڭ مەستخۇش قىلار قەلبىمنى ھەر ئاخشام،
بولۇپ سازىڭغا ئالتۇن تار چېلىنسام مەيلىمۇ دىلبەر.

ئەقىدەم كۆلىدە شۇڭغۇپ ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىق بولدۇم،
پىراقىڭ تاشلىسا قارماق، ئىلىنسام مەيلىمۇ دىلبەر.

بېرىپ زىننەت سىياقىڭغا ياراتسۇن دەپ زىناقىڭغا،
بولۇپ زەر ئۈنچە بوينۇڭغا ئېسىلسام مەيلىمۇ دىلبەر.

سېنى دەپ رازىمەن سانسىز يولۇقسام جەۋرى، كۈلپەتكە،
رىيازەت تاغى ئاستىدا مىجىلسام مەيلىمۇ دىلبەر.

تەسەددۇق ئەيلىدىم جاننى سېنىڭدەك نازىنىن يارغا،
ساداقەت تېغىدا قەتلى قىلىنسام مەيلىمۇ دىلبەر.

سىنىڭدىن ئۆزگىگە مەڭگۈ بېرەلمەس مەيلىنى كۆڭلۈم،
سېنى ئۆمرۈم بويى سۆيسەم سېغىنسام مەيلىمۇ دىلبەر.




ئەسلى مەنبەسى: يازغۇچىلار مۇنبىرى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز