HTC One2 نىڭ ئالدى يۈزى سۈرىتى ئاشكارلاندى
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ HTCنىڭ يېڭى بايراقدار يانفونى HTC One2نىڭ ئۇچۇرلىرى ئۈلۈكسىز كۆپەيمەكتە ، يېقىندا بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئاشكارىنىلىشى بىزنى HTC One2نىڭ ئالدى يۈزى ۋە ئۈستەل يۈزىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلدى.
بۇ تار ئۇزۇن بولغان سۈرەتتە ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش شۇكى HTC Oneقاتارلىق يانفونلارنىڭ ئېكران ئاستىدىكى سېزېمچان كۇنۇپكا ئېكران ئىچىدىكى مەۋھۇم كۇنۇپكىغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ئۆزگىرىش ۋە سۈرەتنى تارتىش شەكلى سەۋەبىدىن بۇ HTC One2نىڭ سىرىتقى كۆرىنىشى بىرئاز غەلىتە بۇلۇپ، بۇ سۈرەتنىڭ راست يالغانلىقىنى ھەقىقىي يانفون ئېلان قىلىنغاندىلا ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.
ئەسلىدىنلا ئالدىنقى ئەۋلاد HTC Oneنىڭ ئېكرانىنىڭ ئالدى يۈزىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس ئىدى ، مەۋھۇم كۇنۇپكا قوشۇلغاندىن كېيىن يانفوننىڭ ئاستى تەرەپتىكى رامكىسى HTC بەلگىسى ۋە مەۋھۇم كۇنۇپكا قوشۇلۇپ تېخىمۇ چوڭىيىپ ، ئېكرانىنىڭ ئالدى يۈزىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىۋېتىدۇ.
سىرىتقى شەكىل جەھەتتە HTC One2ئالدىنقى ئەۋلاد HTC Oneغا قارىغاندا تېخىمۇ سىلىق، قارىماققا مېتالدەك تەسىر بېرىدۇ ،قىستۇرما بۆلەكلىرىنىڭ ئورنى تەڭشەلگەن .ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا HTC One2لاھىيە جەھەتتىن HTC Oneغا ۋارىسلىق قىلغان.