تەشۋىشلەرگە تولغان يۇرۇگۇم،
ھىچ بىلمەيمەن ئارام تاپارمۇ؟
بىلسەڭ ساڭا تەلمۇرەر يۇرەك ،
شىرىن تاڭلار بىزگە ئاتارمۇ؟
مەن كۈتۈشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ،پەقەت سىنىڭ ھامان بىر كۈنى يىنىمغا قايتىپ كىلىپ ھاياتىمغا چەكسىز بەخىت بەخىش ئىتىدىغانلىقىڭنى ئويلىغىنىمدا قەلبىمنى ئىللىق بىر خىيال قاپلايدىغانلىقىنى بىلىمەن.سەن غازاڭلارنىڭ بوشلۇقتا لەيلەپ چۇشكەنلىكىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ئۇ ساڭا جۇدالىقنىڭ قانچىلىك ئازاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ.مەن تەلپۇنگەن قىزىل گۇل باشقىلارنىڭ شورلۇق تۇپرىقىدا شۇنچىلىك باراقسان ئاينىماقتا،خەيىر قىسمەت شۇنداق ئوخشايدۇ.قەلبىمنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا مىنى ئۈمۈدسىزلىندۇردىغان ئازغىنلار ئۇنۇپ چىقتى.ھەر قىتىم كۈڭۈل غەشلىكىمدىن ئەپسۇسلۇق بورانلار كۆتۇرۇلگەندە ئۆتكۈر تىكەنلەر قەلىب ئىتىزلىرىمنى لەختە -لەختە قانغا ئايلاندۇردى.شۇنىڭ بىلەن مەن مۇھەببەت سەپرىمنىڭ ئاداقى پەللىسىگەچۇشكەن يۇلۇچىغا ئوخشاش مەغلۇپلۇق تەقدىرىگەتەن بىرىشكە مەجبۇر بولدۇم.سىنىڭ كۈلۈمسىرەشكەئايلانماقچى بولغان يۈز مۇسكۇلۇڭ بىردىنلا نەپرەت تۈسىدە قىتىپ قالدى ماڭا نە چارە؟مەن مۇھەببەت دەرۋازىسىنى بار كۈچۈم بىلەن ئىتتۇرگۇم بار ،بار ئاۋازىم بىلەن سىنى چاقىردىم،دەرۋازىنى قاقتىم،لىكىن ئىچىلمىدى ،مەن بىلدىم مۇھەببەت دەرۋازىسى ماڭا چىڭ ئىتىۋىتىلگەنكەن،مەندەك ئاجىزلار ئۇچۇن ئۇ ھەر قاچان ئىتىگلىك بوپتىلا مەن بۇ ئىشىكنى ئاچمىدىم.سىنى ئاخىرقى تىنىم قالغۇچەساقلايمەن يىنىمغا قايتىپمۇ كىلەرسەنمۇ؟؟؟