تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلار بار ئۆيدە تاماكا چېكىش خەتەرلىك

ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار ئىشلىگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئائىلىسىدە تاماكا ئىسىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بۇنداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان بالىلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئېغىر بولىدىكەن.

بۇ تەتقىقاتنى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىرېلاندىيەدىكى تاماكا چەكلەش ئورگىنىدىكى تەتقىقاتچىلار بىرلىكتە تاماملىغان بولۇپ، بۇنىڭدا 12 ياشتىن تۆۋەن 55 مىڭ بالا تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنغان.

تاماكا چېكىلىدىغان ئائىلىدە ياشايدىغان بالىلاردا يۇقىرىقى خەتەرلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تاماكا چېكىدىغان ئادەم بار ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭكىدىن %50تىن كۆپرەك يۇقىرى بولىدىكەن، بولۇپمۇ توققۇز ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان بالىلاردا بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

تەتقىقاتقا قاتناشقان بالىلار مۇتەخەسسىسى ھېللېر ئالبېرتنىڭ دېيىشىچە، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تاماكا ئىسى بىلەن كۆپ ئۇچراسسا، چوڭ مېڭىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن، بالىلارنىڭ پىسخىك جەھەتتىن يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بۇ يەنە بالىلارنىڭ نەپەس يولى كېسىلىگە گىرىپدار بولۇشى، بوۋاقلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىدەك خەتەرلەرنى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

ـــ ماتېرىيالدىن


مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى




ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز