ئاياللار يەڭگىگەندىن كېيىن بەدەن، پىسخىكا، كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئاسانلا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولىدۇ:
1. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاياللار يەڭگىگەندىن كېيىن ئەسەبىيلىشىش كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق %30 ئايالدا بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلىدىغانلىقى ئېنىقلانغان، ئادەتتە ھامىلدارلار يەڭگىپ ئۈچ كۈندىن 10 كۈنگىچە ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن.
2. سۈيدۈك تۇتالماسلىق. ئاياللار يەڭگىگەندىن كېيىن سۈيدۈك قىسىدىغان بولغاچقا، كېيىنچە سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. چۈنكى ئاياللار يەڭگىگەندە سۈيدۈك يولى كېڭىيىپ كېتىدۇ، ناۋادا دائىم سۈيدۈك قىسقاندا سۈيدۈك يولىنىڭ سۈيدۈك تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، سۈيدۈك تۇتالماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
3. بەل ئاغرىقى. ئاياللار يەڭگىگەندىن كېيىن بەل ئاغرىقى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ. ئالدى بىلەن ھامىلە 10 ئايلىق بولغاندا قورساق يوغىناپ، ئومۇرتقا بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن تارتىلىپ تۇرغاچقا بەل ئاغرىيدۇ، بىراق بۇ خىل ئاغرىق يەڭگىپ 42 كۈن بولغاندا ياخشىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالا كۆتۈرۈش، ئەمدۈرۈش قاتارلىقلارمۇ بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاياللار يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن كالتسىي تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.