كىر ئالغۇدا كىر يۇيۇش ئەمەلىيەتتە كېسەللىك باكتېرىيەسىنى تارقىتىش بولۇپ، قىسمەن باكتېرىيە ئۆلتۈرگۈچى سۇيۇقلۇقلارمۇ بۇنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. بولۇپمۇ ئىچ كىيملەرنى كىر ئالغۇدا يۇيغاندا، قىسمەن ئاياللار كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. نۆۋەتتە كۆپلەپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاپتوماتىك كىرئالغۇلاردا سۇنى بىر تەرەپ قىلىشى ياخشى بولماسلىق، مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قىسمەن كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى يۇقىرى بولماقتا. شۇڭا خانىم-قىزلار ئىچ كىيملىرىنى يۇيغاندا ئامال بار قولدا يۇيۇشى، سوپۇننى كۆپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.