ئارىمىزدا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ئاز ئەمەس، تېۋىپلار ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بۇ خىل كېسەللىك توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «قان ئازلىق كېسىلى كۆپىنچە ئادەملەرگە ئورتاق بولۇپ قالدى، ناۋادا كېسەللىك ئەھۋالى بەك ئېغىر بولمىسا، كېسەلنى دورا ئەمەس، يېمەكلىككە تايىنىپ داۋالىغان تۈزۈك، يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇنداق:
قارا پۇرچاق: ناۋادا قان تولۇقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولسا، ئاياللار قارا پۇرچاق بىلەن قارا تۇخۇنى شورپا قىلىپ ئىچسە بولىدۇ؛
سەۋزە: سەۋزىدە ۋىتامىن B ۋە C ئىنتايىن مول، شۇڭا ئۇنىڭ قان تولۇقلاش ئۈنۈمىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ؛
ئۇن سېغىزى: بۇ ئۇنىڭ كىراخمالىنى يۇيۇپ چىقىرىۋالغاندىن كېيىن قېپقالىدىغان ئېلاستىك ئاقسىل ماددا، ئۇنىڭ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى ئىنتايىن مول؛
يىڭنىسىمان ئوتياش: بۇ خىل كۆكتاتتا تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە ۋىتامىن C ،B ،A ۋە ئاقسىل مول، قان تولۇقلايدىغان ئېسىل كۆكتات؛
ئېۋفورىيە لۇڭيەن قوۋزىقى (龙眼肉): بۇ كۆكتاتتا تۆمۈر ماددىسى ئىنتايىن مول، يەنە ۋىتامىن B ،A، گىلۇكوزا ۋە ساخاروزا قاتارلىق قان تولۇقلاشقا باب ماددىلار بار؛
تۇرۇپ قېقى: تۇرۇپ قېقىدا تۆمۈر ماددىسى مول، قان تولۇقلاش رولى ئالامەت.