تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
HTC نىڭ سېتىلىش مىقدارى %36 تۆۋەنلىدى

HTC نىڭ سېتىلىش مىقدارى %36 تۆۋەنلىدى

سوخۇ تورى 3-مارت خەۋىرى: Phone Arena نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە كىشىلەر HTC نىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى بىر ئەۋلاد The All New HTC One نى قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە HTC شىركىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
3-ئاينىڭ 3-كۈنى HTC شىركىتى 2014-يىلى 2-ئايدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 238 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 تۆۋەنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان.
2014-يىلى 2-ئاي 2007-يىلىدىن بۇيان HTCنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولغان بىر ئايغا ئايلانغان.
2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدا، HTC نىڭ سېتىلىش مىقدارى 557 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 888 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن %37.2 تۆۋەنلىگەن.
مەزكۇر دوكلاتقا نىسبەتەن، HTC نىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى، 1-ئايدىن 3-ئايغىچە HTC نىڭ سېتىلىش مىقدارى ۋە پايدىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، كېيىنكى پەسىللەردە تەدرىجىي ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
The All New HTC One بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ تېز بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، قوش سېزىم تارقاتقۇچلۇق كامېرا ۋە microSD ئىقتىدارى قوللىنىلغان.
HTC ئالدىنقى يىلى HTC One نى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى سامسۇڭنىڭ Galaxy S4 يانفونىغا ئاز بولمىغان بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەن، بۇ يىل The All New HTC One نى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق سامسۇڭ Galaxy S5 غا تېخىمۇ چوڭ بېسىم ئىشلىتىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز