ھامىلدار ئاياللار چىشى ئاغرىغاندا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:
سامساق: سامساقنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار. چىش كېسەللىكلىرى كۆپىنچە ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلدار ئاياللار چىشى ئاغرىغاندا سامساق يەپ بەرسە بولىدۇ. سامساقنى سىرتتىن سۈرۈشمۇ چىش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
زەنجىۋىل: قانداق سەۋەبتىن ئاغرىغان چىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامىلدار ئاياللار چىش ئاغرىغاندا زەنجىۋىل چىشلىسە تېز ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. زەنجىۋىلنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بەكلا ئاددى، پەقەت زەنجىۋىلنى ياپىلاقلاپ، ئاغرىۋاتقان يەرگە بېسىپ، يېرىم سائەت تۇرغۇزسىلا، ئاغرىق پەسىيىدۇ.
قولنى ئۇۋۇلاش: ھامىلدار ئاياللارنىڭ چىشى ئاغرىغاندا، قولىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق %50 ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. باش بارماق بىلەن بىگىز بارماقنىڭ ئارىلىقىنى ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن بىر پارچە مۇزنى شۇ يەرگە يېنىك بېسىپ 5-7 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندا، چىش ئاغرىقى پەسىيىدۇ.