تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كىت، پىل ۋە بۆجەن

كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىت، پىل ۋە بۆجەن دېڭىز بويىدا دېڭىز يۇسۇنلىرىنى يەۋېتىپ،بۆجەن توساتتىن كىت بىلەن پىلنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. كىت : «پىل بۇرادەر، سەن بولساڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ مەخلۇق، مەن بولسام سۇدىكى ئەڭ چوڭ بېلىق، ئىككىمىزنىڭ كۈچ - قۇدرىتى چەكسىز، ئەگەر ئىككەيلەن ئىتتىپاقلىشالايدىغانلا بولساق، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولاتتۇق. بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟» دەپتۇ. «بولىدۇ، بۇ چارەڭ ناھايىتى ياخشىكەن. ئۇنداقتا ئىككەيلەن ئىتتىپاقلىشايلى !» دەپتۇ پىل. بۇ ئىككىسىنىڭ قارا نىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، بۆجەننىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەپتۇ ھەمدە: «مەن بارلىق توشقانلارغا ۋاكالىتەن بىرىنچى بولۇپ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بوي سۇنمايمەن» دەپ ئويلاپتۇ. بۆجەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىر «چوقۇم بۇ ئىككىسىنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇۋېتىش، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن پەم ئىشلىتىش كېرەك» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. بۆجەن ئاخىر ئامال تېپىپتۇ. ئۇ بارلىق توشقانلارنى تاغ باغرىغا يىغىپ، كۆپچىلىكنى كىت بىلەن پىلنىڭ سۆھبەت مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىپتۇ ھەمدە : «كۆپچىلىك، پەقەت بىز ھەمكارلىشالايدىغانلا بولساق، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇۋېتەلەيمىز» دەپتۇ. توشقانلارمۇ: «چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك!» دەپ ۋارقىراپتۇ. بۆجەن بارلىق توشقانلارنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپچىلىكنى كەندىردىن ھەم توم ھەم پىششىق بىر ئارغامچا ئېشىشكە تەشكىللەپتۇ. كۆپچىلىك بۇ ئارغامچىنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ : «ۋاقتى كەلگەندە بىلىپ قالىسىلەر !» دەپتۇ.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئارغامچىمۇ ئېشىلىپتۇ. بۆجەن ئالدى بىلەن كىتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىززەت - ئىكرام بىلەن: «ھۆرمەتلىك ئاتامانىمىز، يېقىندا مەن بىر ئىنەك باققانىدىم، ئۇ پاتقاققا پېتىپ قىلىپ، زادىلا تارتىپ چىقىرالمىدىم. ئۆزلىرىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى تەڭداشسىزدۇر. شۇڭا ئۆزلىرىدىن ياردەم سوراپ كەلگەنىدىم» دەپتۇ. «قېنى ئېيتە، ساڭا قانداق ياردىمىم كېرەك ؟ »دەپتۇ كىت كۆرەڭلىگەن ھالدا. بۆجەن: «قولۇمدا بىر ئارغامچا بار، مەن ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى ئىنەكنىڭ بوينىغا سېلىپ، يەنە بىر ئۇچىنى ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك قۇيرۇقلىرىغا باغلاپ قوياي، ئۆزلىرى شۇنداقلا بىر كۈچەپ قويسىلىرىلا ئىنەكنى پاتقاق ئىچىدىن چىقىرىۋالالايتتىم» دەپتۇ. «بوپتۇ، ساڭا ياردەم قىلاي !» شۇنىڭ بىلەن بۆجەن ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى كىتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپتۇ. ئارقىدىنلا كۈل رەڭ بۆجەن يەنە پىلنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا: «شانۇشەۋكەتلىك قۇرۇقلۇق خاقانى، ماڭا بىر ياردەم قوللىرىنى سۇنغان بولسىلا» دەپتۇ. پىلمۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن : «ھە، قېنى ئېيتە، نېمە ئىش؟» دەپ سوراپتۇ. «مەن باققان ئىنەك پاتقاققا پېتىپ قالغانىدى. مەن ئاجىز بولغاچقا ئۇنى تارتىپ چىقىرالمىدىم. سىلى بولسىلا قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ كۈچلۈك پالۋان. شۇڭا، مېنىڭ ئاشۇ ئىنەكنى چىقىرىۋېلىشىمغا ياردەم قىلغان بولسىلا، دەپتۇ» بۆجەن. «بۇغۇ كىچىككىنە بىر ئىش ئىكەن. لېكىن قانداق تارتىپ چىقىرىمىز؟» دەپتۇ پىل. «ناھايىتى ئاددىي، ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى خارتوملىرىغا چىگىمىز، يەنە بىر ئۇچىنى ئىنەكنىڭ بوينىغا سالىمىز- دە بىرلا كۈچىسىلە بولىدۇ». «ئۇنداقتا قېنى باغلا !». بۆجەن كىتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلىغان ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى پىلنىڭ خارتومىغا چىگىپتۇ ۋە : «پالۋان، مەن بەلگە بەرگەندىن كېيىن راسا كۈچەپ تارتسىلا» دەپتۇ. بۆجەن ھەمراھلىرىنى بىر تاغ باغرىغا چىقىپ، پىل بىلەن كىتنىڭ «ئارقان تارتىش مۇسابىقىسى»نى كۆرۈشكە تەكلىپ قىپتۇ. بۆجەننىڭ بەلگە بېرىشى بىلەن تەڭ، پىل ئارغامچىنى خارتومىغا راسا يۆگەپ، كۈچەپ تارتىشقا باشلاپتۇ. كىتمۇ سۇ ئىچىدە تۇرۇپ ھەدەپ كۈچەشكە باشلاپتۇ. بىراق، ھەر ئىككىلىسى بىر - بىرىنى مىدىرلىتالماپتۇ. پىل: «شۇنچە كۈچەپ تارتالمىغىنىمغا قارىغاندا، بۇ ئىنەك خېلى چوڭقۇر پېتىپ قالغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ. كىت : «ئەجىبا ئىنەك يەرنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتمىگەندۇ؟ ھەر قانچە كۈچىسەممۇ تارتالمايۋاتىمەنغۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ.

كۈل رەڭ بۆجەن توختىماستىن پۇشتەك چېلىپ: «قېنى غەيرەت قىلىڭلار !» دەپ ۋاقىراپتۇ.

پىل بىلەن كىت يەنە بىر قېتىم راسا كۈچىنى يىغىپ، ئىككى يۆنىلىش بويىچە كۈچەپ تارتىۋاتقاندا توساتتىن «پاس»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئارغامچە ئۈزۈلۈپ، كىت چوڭقۇر دېڭىز ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، پىلمۇ ئۆزىنى باشقۇرالماي تاغدىن موللاق ئېتىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ قىزىق ئويۇننى كۆرۈپ تۇرغان توشقانلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ.

شۇ سەۋەبلىك پىل بىلەن كىت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بۇزۇلۇپ، ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن توشقانلار راسا خۇشال بولۇشۇپتۇ. بۆجەنمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىككىسىنى ئەپچىللىك بىلەن بابلىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كېتىپتۇ. 




تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز