ۋېيشىن دەپ بىر نەرسە چىقىپتۇ،خەنزۇچە ئاتالغۇمۇ ناھايتى تىز قوبۇل قىلىنىپتۇ،شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ خېلى دەۋىر سۈرۈپ قالغۇدەك.شۇڭا مەن تىل بايلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە بۈگۈن مۇشۇ نەق مەيداندا بىر ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ بېرەي،بىكاغا......
微信-ئابدىكىرەم ئابلىزچە تەرجىمىسى -سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرى.
كەسپىي تەرجىمىدە-مىكرو ئۇچۇر دىسەك بولغىدەك.
ئۇيغۇر تىلىمىزدا بىز بۇنى تېخىمۇ يېقىملىق ئاتىيالايمىز،ئاڭلاڭ ھە،مەن بۇنى ئاممىبابلاشتۇرۇپ -ئۈن دىدار-دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،قېرىندىشىم ئەمدى ئۆتۈنەي ۋېيشىن دىمەڭ!
******* ******** ******** ***********
خىزمەتداش قىزچاق ئۈيۈمگە ئۈسۈپلا كىرىپ كەلدى،خوشلۇقۇمدا ئولتۇرۇشقىمۇ تەكلىپ قىلماي ئۈن دىدارنىڭ ئىسمى ھەم ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ كىتىپتىمەن،ئۈن دىدار تىلغا ئېلىنىشى بىلەن قىزچاق بار ئۈنىنى قويىۋېتىپ يىغلاشقا باشلىدى،ھەي ،،بىز ئىسمىنى ئەمدى قويغان بىلەن چىقارغان چاتىقى بوش ئەمەسكەن بۇنىڭ،قىزچاق تېلفونىدىكى ئۈن دىدار ئۇچۇر ساندۇقىنى ئېچىپ بىرتەرەپتىن ئۇچۇرلارنى كۆرسەتكەچ،بىر تەرەپتىن بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دىمەسلىكىمنى ئۆتۈنۈپ بۇ كىچىككىنە ئالاقە ۋاستىسىنىڭ تەغدىرىدە پەيدا قىلغان زور بۇرلىشىنى سۆزلەشكە باشلىدى............
ئاقىللار <ئىككى ئادەمنىڭ بىلگىنى سىر ئەمەس> دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتىپتىكەن.گەپنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا يازغۇچىلىق كىسىلىم قوزغىلىشقا باشلىدى،ئاندىن يەنە مۇشۇ مۇنبەرگە ئەكىلىپ تاشلىدى،بۇ يەردەخەقنىڭ سىرىنى يايماقچى ئەمەسمەن،بىراق ھازىر مودا بولۇۋاتقان ئۈن دىدار ئۇچۇر سىستىمىسىنىڭ ئامىتىنى ھەم ئاپىتىنى كۆپچىلىك ئاڭلاپ توغرا ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋالار دىگەن ئۈمىدتە قەلەم تەۋرەتتىم،كۆپچىلىكنىڭمۇ خىزمەتدىشمنىڭ سىرىنى ياخشى ساقلىشىنى ،ئوقۇپ بولۇپ ھېچكىمگە دىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن!
****** ******* ******
كەسپ ۋە تۇرمۇشتا ئۇتقان- مۇكەممەل قىز
بۇ خىزمەتدېشىمغا قاراپ ھەيران قالىمەن،ئەمىليەتتە ئۇ27-28ياشلارنىڭ قارىسىنى ئەمدى ئالغان بىر بالالېكىن بىر رەھبەر،ئۇ بىر سەنئەتكار لېكىن بىر تالانت ئىگىسى.كىچىدىمۇ ئۇخلىمامدىكىن دەيمەن بۇ قىزنى،كىچە-كىچىلەپ چىرىغى ئۆچمەيدۇ،بىز خوشنا بولغاچقا سىنچىلاپ قارىسا ئۇنىڭ كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا دۈمچەكتەك ئولتۇرۇپ خەت بېسىۋاتقىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ.ئىشقىلىپ ھەممىلا ئىشقا ئارلىشىدۇ،ئۇنىڭ بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان تەنتەربىيە دەرىسى ئۆتكىنىنى كۆرمىدىم،باشقا ھەممە ئىش قولىدىن كىلىدۇ،مائارىپتا قوش قىرلىق بولۇڭلار دەپ بولغۇچە يەتتە-سەككىز قىرلىق بولۇۋالغان بۇ ياشلار ئادەمنى چارچىتىپ.سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولغىنى بىلەن قاپىقى ئاجايىپ يامان ،چىرايىنىڭ سۈرلىكلىكىدىن يىراقتىن يەرنىڭ تاناۋىنى تارتىپ قاسىلداپ مېڭىپ كەلسە،ئولتۇرۋاتقان ئورنىڭىزدىن ئىختىيارسىز تۇرۇپ كىتىسىز...گۇرۇپپا باشلىقى بولغۇچە مەكتەپ مۇدىرى بولسا تازا يارىشاتتى دەيمەن بەزىدە.
قابىلىيەتلىكلىكىگە يارىشىپ باينىڭ قىزى،بىر تۇققان قېرىنداشلىرىنىمۇ تىنغىلى قويمايدۇ ئۈگىنىڭلار،،تىرىشىڭلار دەپ،ئائىلىدىكىلىرى ھەممىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدۇ،ئۆزىگە ھەم ئائىلىگە بولغان ئىشەنچ بۇ قىزدا شۇنداق بىر سالاپەتنى پەيدا قىلغانكى ھاي-ھاي....قەددىنى رۇسلاپ مېڭىشلىرىغا،ئازراقمۇ پۈكۈلمەي تىك ئولتۇرۇپ ماشىنا ھەيدەشلىرىگە دادىسىنىڭ زوقلىنىپ قارىغانلىرىنى كۆرۈپ قالىمەن،مەن ئالاي دەمسىز،ماۋۇ گەپنى ئۇ ھەرگىزمۇ ئاڭلاپ قالمىسۇن.چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان چاي ئىچكۈزۈپ قويغان لايىقى بار،ئۇنىڭ دىيىشىچە ھەممە نەرسىنىڭ خىلى بولارمىش..............
مانا بۇ مىنىڭ ئەسىرىمدىكى باش پىرسوناژ ئوبرازى،ئەمدى مەن ئۇنىڭ تۆۋەنكى بايانلىرىنى <مەن>نىڭ تىلىدا يېزىپ دۋاملاشتۇرماقچى،مەن دەپ يازسام مىنىمىكى دەپ قايناپ نەسىھەت قىلماڭ،ئەسەر تۈگىگەندە ئاندىن پىكىر قىلىڭ،بۇ تىمىدا مىللەت مەسىلىسى مەۋجۈت ئەمەس،ئاشۇرما بايانلارنى،بەزى تەسۋىرلەرنى شۇ پېتى قوبۇل قىلىۋالماڭ،ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن ئەمەس،ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئەسەرگە باھا بېرىڭ،چۈشەنمىگەنلەر ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ كۆڭلۈمگە ئالمايمەن،باشقىلارغا بىر تامچە سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدە بىر چىلەك سۇ بولىشى كېرەك،ئەدەبىي چۈشەنچىسى يۈزەكى قېرىنداشلار باھا بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،پىكىرىڭىز بولسا ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇڭ،بولمىسا ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ...ماسلاشقىنىڭىزغا رەخمەت!
******** ********* *********
ئۈن دىداردا ئۆزىنى تونۇغان قىز
نامازىمنى ئوقۇپ بولۇپ كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە مەھەللە كوينى سۈپۈرۈپ كىرگىنىمدە ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى،تۇيۇقسىز يىغىن بارلىقى يادىمغا يىتىپ ناشتا قىلماي مەكتەپكە چاپتىم،يېرىم كۈنلبك ئالدىراش خىزمىتىمنى تاماملاپ ئىشخانا ئالدىغا كەلگىنىمدە ئىشخانىدىن ئاڭلانغان ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۈلكە ئاۋازىدىن تېخىمۇ پەيلىم بۇزۇلۇپ ئىشىكنى ئىتتىرىپلا كىردىم،كۈلكە ئاۋازى قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك بېسىقىپلا كەتتى،قوسىقىمنىڭ ئاچلىقىدىن گەپمۇ خوشياقمىدى.
-بىر يىڭى سېستىما چىقىپتىكەن،ئادەتتىكى تېلغونلار قوللىمايدىكەن،سىزنىڭ ئالما بولغاندىكىن قوللايدۇ چۈشۈرۋېلىڭە-دىدى پاتىگۈل مۇئەللىم ئالدىمغا كىلىپ.قوسىقىمنىڭ ئاچقىنىنى بانا قىلىپ قاچاي دىگۈچە، ئۆيگە بېرىپ بولغۇچە تېخىمۇ ئېچىپ ئۆتۈپ كىتىشىنى باھانە قىلىپ بۇلار مىنى تۇتىۋالدى،ئادەتتە ئادەم كۆپ جايلاردا تاماق يىيىشنى ياقتۇرمايتتىم،ئاشخانىلارنىڭ تامىقىنى تېخىمۇ ياقتۇرمايتتىم،بۈگۈن مىنى قارا بېسىپتۇ،تېخى ماۋۇ خوتۇن ماڭا بىر نىمە چۈشۈرۈپ بېرىمەن دەپ تېلفونۇم بىلەن ھەپىلىشىپ چىشىمغا تەگكىنى ھەي....
ھارغىنلىقتا بىركۈننى تولىمۇ تەستە ئۆتكۈزدۈم ،ئۆيدىكى ئىشلىرىمنى تىزلا تۈگىتىپ كارۋىتىمغا ئۆزەمنى ئاتتىم،ئۇھ ...ئوڭدا يېتىپ تېلفونۇمدىكى كەلگەن تېلفون ۋە ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ چىقتىم،،تۇيۇقسىز يىڭى چۈشۈرگەن سىستىمىدىن بىرىنىڭ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دىگەن ئۇچۇرىنى تاشۇرۋالدىم،بىلەرمەن خىزمەتداشلىرىم تاماق يىگۈچە بولغان ئارلىقتا سىستېمىنى چۈشۈرۈپ،سەنئەت ساھەسىدىن دوسلارنى قاچىلاپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى،چىرايلىق بېرىلگەن سالامنى ئىلىك ئالماي بولمىدى،ئىختىيارسىز پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق ،كەسپ توغرىسىداپاراڭلىشىۋېتىپ قارشى تەرەپنىڭ بەزى يۇمۇرلۇق ئوخشىتىشلىرىغا كۈلمەي تۇرالمىدىم،،تونۇشمىساقمۇ ناخشىلارنى ئېيتىپ بېرىشلىرى تېخى ،،،،توۋۋا مەنمۇ كۈلىدىكەنمەنغۇ مانا،ماۋۇ ئۈن دىدارمۇ خېلى بولىدىغان نەرسىمۇ قانداق دىگەن ئويلار بىلەن تېلفوننى چىڭ تۇتۇپ ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن......
داۋامى:
ئۈن دىداردىن ئۈنگەن ئۇنتۇلماس دىدار
شۇنداق قىلىپ بۇ نەرسە بىلەن ئوبدانلا ئەپلىشىپ قالدىم،دەسلەپتە كىچىك بالىنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرگەندىمەنمۇ دىگەن ئەنسىرەشلىرىم خىزمەتداشلىرىم ئۈگىتىپ قويغان دوس ئىزدەشنى كۆرگەندىن كىيىن ئاللىقاياقلارغا يوقىدى،نىمىشقا دەمسىز،،،ما ئۈن دىدارنى چولپانلىرىمىز،ئەدىب-ئۇستازلىرىمىزمۇ ،ساھە-ساھەلەردىكى زىيالىلىرىمىزمۇئوينايدىكەن ئەمەسمۇ،ماڭا نىمە خۇدۈك ئەمدى؟
بوش ۋاقىتلىرىمدىكى زېرىكىش،چەتئەلدىكى توي قىلىشقا پۈتۈشكىلى ئالتە يىل بولغان لايىقىمنىڭ كىلىپ بولالمىغىنىدىن سىقىلىش قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قالدىم،ئۈن دىدارنىڭ دۆلىتىدە،تونۇشمايدىغان كىشىلەر بىلەن ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىپ ئىچىم خېلى بوشاپ قالىدۇ.شۇنداق قىلىپ ساپاسىز دوسلارنى قارا تىزىملىككە،پىكىرلىشەلەيدىغان سۆھبەتداشلىرىمنى ئالىي تىزىملىككە تىزىپ ئۈن دىدار ئۇچۇر ساندۇقۇمنى رەتلىۋالدىم،ھوي،،راست،بۇ دوسلىرىم ھېلىقى بىر ۋاقىتتا ئىشخانىدىكىلەر قاچىلاپ بەرگەنلەر ئەمەسمۇ،بۈگۈن ئۈزەم بىر ئىزدەپ باقايچۇ،ئۇنى ئۇنداقكەن، بۇنى چوڭكەن،بىرىنى توڭكەن دەپ پەرەزلەرنى قىلىپ ئۈزەمچە ھېچكىمنى ياراتماي دوس ئىزدەشتىن يالتىيىپ تۇرغىنىمدا،تولىمۇ ئوماق بىر باش سۆرەتكە كۆزۈم چۈشتى.......
باش سۆرەتنى چوڭايتىپ رەسىمگە قانچىلىك قاراپ تۇردىمكىن تاڭ،چاچلىرى كالتا قويۇلغان،قاش-كۆزلىرى قاپقارا تولىمۇ نازۇك چىرايلىق يىگىتنى قوللىرىم تىترىگەن ھالدا قوشۇش ئۈچۈن دوست بولۇش ئۇچۇرى ئەۋەتتىم:
-ھەي...................
ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ قوشۇلغانلىق خەۋىرى كەلدى،يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تېلفوننى ئۈستەلگە قويۇپ قويدۇم.توۋۋا،سەنئەت ئىنىستىتوتىدا بويلىرى ناردەك،تېرىسى قاردەك،چاچلىرى بۈدرە،بەللىرى ئۈگرە مىشچان يىگىتلەر بىلەن بىللە شۇنچە يىل ئوقۇپمۇ بىرەرسىگە كۆز قىرىمنى سالغان ئەمەسمەن،ئەمدى بۇ كۆرمىگەن ناتۇنۇش ئاخۇنغا نىمانچە بوپ كىتىمەن ئەمدى؟
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى، توۋۋا مەن قوشقان تۇرسام نىمىشقا مەن گەپ قىلماستا سالام قىلىپ يۈرىدۇ،تازا بىر قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان ئاداشمۇ نىمە بۇ،سوغۇقلا سالاملاشتىم بىراق يەڭگىللا سوئاللار،تاتلىق جاۋابلار بىلەن قايتىدىن قىززىپ كەتتىم،ئۇ باشقىلارغا ئوخشىمايتتى،ئىسمىڭىز نىمە ،نەچچە ياش،نىمىش قىلىسىز دىگەندەك بىېشىنى سوراپ بولغىچە ئاخىرىنى بىلىپ بولىدىغان ئۈن دىدار قىززىق نۇقتىلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەيتتى:
-ھە،كەسپىڭىز پىئانىنو ئوخشىمامدۇ،باش سۆرىتىڭىزدىن قارىغاندا كەسپىڭىزنى بەك سۈيىدىكەنسىز شۇنداقمۇ،قاچان ماڭا چېلىپ بېرىسىز؟
-شۇنداق مەن ئۈزەمنىڭ رەسىمىنى چىقىرۋېلىشنى تازا خالىمىدىم شۇڭا پىئانىنونى چىقىرىپ قويغان،مىنىڭغۇ سىزگە ھازىرلا چېلىپ بەرگۈم بارئىدى لېكىن سىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىش بىئەپ،سىرتتا چېلىپ بېرەي دېسەم بىلىسىز ماۋۇ چالغۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ چالغىلى بولمايدۇ،يېنىڭىزغا ئېلىپ چىقالمايمەن،توغرا چۈشىنەرسىز،-دىدىم مەن ئۇستاتلىق بىلەن.
-ھا..ھا...سىز ئاۋۋال چېلىپ بېرىشكە نىيەت قىلىڭە،مىنىڭ ئىشخانام نەنمىندا،بىلىسىز بۇ يەرنىڭ ھەممىسى پىئانىنو،ئاممىۋى سورۇندا چالمايمەن دىسىڭىز ئۆيگە بىرنى ئالساممۇ بولىدۇ،قاچان چېلىپ بېرىسىز ھە؟
باھانە كۆرسەتكۈسىز سوئالغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي گەپنى بۇرىماقچى بولدۇم،مۇمكىنمۇ،ئۇ بەك ئەقىللىقكەن،ئىنكاسىمۇ بەك تېز،ئامالسىز ئۇنىڭ پىكىرىگە ياندىشىپ سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردۇم.......................
يازغان خەتلىرىنى يېنىشلاپ ئوقۇپ،رەسىمىگە تەكرار قاراپ كۈننى كەچ قىلدىم.ئۆز-ئۆزەمگە سەل ئاچچىقىم كەلدى،نىمە بولغاندىمەن ،ياق بۇ بىر خىيال ،ئۇ بىر مەۋھۈم دۇنيادىكى ئېنىقسىز ئادەم،ئەمىلىيەتتە بار بولغاندىمۇ مىنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن،ئاتا-ئانىمىز دۇئا بەرگەن،ئالتە يىللىق ۋاقتىمنى بىللە ئۆتكۈزگەن يىگىتىم بار ئەمەسمۇ،ھاي..ھاي..ئەستاغفۇرۇللا شەيتان،،ھەرقانچە يامان بولساڭمۇ ئاللاھ مىنى پاناھىدا ساقلايدۇ،مىنى ئازدۇرالمايسەن،كونىلارنىڭ قىزبالا ئولتۇرىۋەرسە ئېلىشاڭغۇ بوپقالىدۇ دىگەن گىپىنىڭ ئاساسى بارمۇ نىمە؟
ئۈزەم قىززىپ ،ئۈزەم-ئۈزەمگە ھاي بېرىپ،ئۈزەم خىيال قىلىپ،ئۈزەم رەت قىلىپ دىگەندەك بېشىمنى ياستۇققا قويدۇم،كۆز ئالدىمغا كىلىۋالغان سۆرەتنى يوقىتىشقا،بۇنى بىر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلىپ بوي بەرمەسلىككە نىيەت قىلىپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم...............
ياق ،بۇنداقلا ئۇخلىيالمايمەن،ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا تۇرۇپ كەتتىم.خاتىرەمنى ئېلىپ قەلەم تەۋرەتتىم:
-ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈن تۇيۇقسىزتونۇشۇپ قالدىم،مەن نىمە بولغىنىمنى،نىمە بولىدىغىنىمنى،ئۇنىڭ كىملىكىنى،نىمە ئويلاۋاتقىنىنى ،ئۈزەمنىڭ نىمە ئۈچۈن ناتونۇش بىرى ئۈچۈن، نىشانسىز خاتىرە قالدۇرۋاتقىنىنى بىلمىدىم پەقەت بىلىدىغىنىم-مەن ئۇنى ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئۈن دىداردا دىدارلاشقان بۈگۈننى مەڭگۈ ئۇنتىمايمەن..بۇ كۈن:
2012-يىلى5-ئاينىڭ12-كۈنى......................
ئۈن دىداردا - شىرىن سۆھبەت
ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققان يىلى تولىمۇ ئاددىي،لېكىن مەنىلىك يېزىلغان پارتىدىشىم ئىكرامنىڭ مۇھەببەت خېتىنى تاپشۇرۋالدىم،بۇ ئوقۇپ بولۇپلا يىرتىۋېتىدىغان باشقا خەتلەرگە ئوخشىمايتتى.بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان،ئۇ ھەتتا يەتتە ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا مەكتەپكە ماڭسام تەڭ ئەگىشىپ بېرىپ بەش يېشىدا مەن بىلەن تەڭ ئوقۇشقا كىرىپ ساۋاقداش بولۇپ قالغان،مانا ھازىرغىچە بىللە ....لېكىن قېرىندىشىم ئورنىدا كۆرۈپ كەلگەن بۇ يىگىتكە نىمە دەي،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندىن كىچىك تۇرسا،شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ،سومكامنى كۆتۈرۈپ،باشقىلار بىلەن مىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ جىق جاپايىمنى تارتتى لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن تەكلىپىگە قوشۇلسام ماڭا ئادىل بولماس،يەنىلا ئاتا-ئانامنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاي! شۇنداق قىلىپ ئاتا-ئانىمىز كىچىكتۈرمەيلا چاي ئىچكۈزۈپ قويدى،ئەسلىدە ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە سان بار ئىشلاركەن بۇ مەن تېخى ئەمدى خەۋەر تېپىپتىمەن،بوپتۇلا،پىشانەمگە پۈتۈلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ............
ئاھ..مۇھەببەت...شۇنداق گۈزەل...شۇنچە شىرىن دىيىشىدىكەن،مەن ھەجەپ بىلەلمىدىم دىسە،تۇنجى مۇھەببەت -ئۇنداق ئۇنتۇلماسەي،بۇنداق ئۇنتۇلماس دىيىشلىرى تېخى.......ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا كەينىمدىن شۇ بىر يىل زىرىكمەي قوغلاشقان ئاتۇشلۇق ساۋاقدىشىمغا ماقۇللۇق بەردىم.ئانچە-مۇنچە كۆرۈشۇپ تاماق يىگەن بولدۇق،بىر ئاي ئۆتمەيلا كەچتە ياتاقنىڭ ئالدىغا چاقىردى چۈشتۈم،پاراڭلاشقاچ كىلىپ قولۇمنى تۇتماسمۇ،جان ئاچچىقىمدا كىلىشتۈرۈپ بىر تەستەك قويدۇمدە ئالدى -ئارقامغا قارىماي كىرىپ كەتتىم،كىيىن يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ قارىماي ئىزدەشمىدىم،مانا بۇ مىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم.قانداق ئۇنتۇدىڭىز دەمسىز...غورورۇمغا شۇنچىلىك تىگىپتىكەن قولۇمنى تۇتقىنى شۇ چاغلاردا ،ئۇنى كۆرسەملا يىرگىنىدىغان بولۇپ كەتكەن،ھازىر كۆرسەم تونۇمايمەنغۇ دەيمەن شۇ ئۇنتۇلماس بىرىنچى مۇھەببىتىمنى...............
مانا ئىكرام بىلەنمۇ ئۇرۇشۇپ-چېقىشىپ دىگەندەك مەكتەپنى پۈتتۈرۋالدۇق،پۈتتۈرۈشكە يېقىن ئۇنىڭغا كەلگەن كۆڭۈل ئىزھار قىلىنغان خەتلەرنى كۆرۈپ جېنىم چىقىپلا كەتتى،ئەسلىدە بۇ كىلىشكەن ئەلىيۇلئەلا غوجامغا كۆيۈپ يۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەسكەندە.مۇشۇئىشنىڭ تەسىرىمۇ ئىشقىلىپ،پۈتتۈرۈپ ئالدىرىماي توي قىلىز دىگەن پىكىرىمنى ئۆزگەرتىپ تويغا قوپتۇق.مەن ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتتۈم.ئىكرام يېشىمىزنىڭ كىچىكلىكىنى،مىنى دەپلا سەنئەت ئىنىستوتىدا ئوقۇغانلىقىنى ،ئەمىلىيەتتە ھازىرقى كەسپىنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چەتئەلگە چىقىپ ئاسپىرانلىقتا ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، توينى تۈگىتىپلا چىقىپ كەتمەكچى بولدۇق.توي خېتىمۇ ئېلىنىپ بولدى،ئىمتاھان بەردۇق،ئۇ ئۆتتى، مەن شەرەپ بىلەن قېپقالدىم.ئارقىدىن چىقىشقا يولىنى ماڭىمىز دىگەندەك گەپلەر بىلەن چوڭلار ئۇنى خاتىرجەم قىلدى،ماڭغىچە ئۇ خۇددى ئۇكامدەك مىنى چىڭ قۇچاقلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكىچە يىغلىدى،مەن ئۇنىڭ ئۆلگىلى ماڭمىغىنىنى،كەينىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي چىقىدىغىنىمنى دەپ ئاچچىقلاپ قويدۇم،ئوغۇل بالىنىڭ يىغلىشىنى ياقتۇرمايتتىم،شۇنداق قىلىپ پايتەخت ئايدۇرۇمىدا قانۇنلۇق،نىكاھسىز ئېرىمنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم.....
يامان ئايرىلىش-كىنولاردىكى ھىجران ئازابى مىنى ئۇنداق بىئارام قىلمىدى،پەقەت ياردەمگە ئىھتىياج بولغىنىمدا ئۇنى ئەسلەپ قوياتتىم،ئۇنىڭ ھەم مىنىڭ ئاتا-ئانام مىنىڭ رەسمىيتىمنى پۈتتۈرەلمەي ئاۋارە ئىدى،مانا بىردەمدە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى... ئەمدى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەس-بەستە توي قىلىشى،كۆپ ۋاقىتلاردىكى يالغۇزلۇق تۇيغۇسى مىنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى،باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلمايتتىم چۈنكى ئۈزەمنىڭ راس دەپ تۇرۋالىدىغان بۇ مىجەزىم ھەم ئازراقمۇ سەۋەنلىكنىمۇ نەزەردەن ساقىت قىلماي تەنقىدلەيدىغان خاراكتېرىم بىلەن ئاسانلا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالاتتىم،بۇ خاراكتېرىم خىزمەت قىلىشقا تولىمۇ ماس كەلسىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقىدە مىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قوياتتى .بىچچارە ئىكرام شۇنچە يىللاردىن بېرى نىمە دىسەم ماقۇل دەپ ھېلىمۇ چىداپتىكەن..........
مانا شۇنداق كۈنلىرىمدە ئۈن دىداردا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،مانا ھازىر خېلى قەدىناسلاردىن بولۇپ قېلىشتۇق،ئالدىنقى كۈنى تۇرپانغا كەتكەن كەلگىچە كۆزۈم تۆت بولۇپ كەتتى..بۇنداق دىسەم بىزنى كۆرۈشكەن ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار يەنە،بىز تېخى كۆرۈشمىدۇق...........
سىز نەدە،تاماق يىدىڭىزمۇ،نىمىشقا تېخىچە قايتمايسىز ئۆيگە دىگەندەك گەپلەر كۈنىگە نەچچە رەت سورىلاتتى،ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگەكىلىپ ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى ساقلايتتىم،شۇ پاراڭلاشقانچە بەزىدە تاڭ ئېتىپ كىتەتتى بەزىدە قاچانغىچە پاراڭلاشقىنىمىز ئىسىمدە يوق تېلفوننى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇيقۇغا كىتەتتىم،بۇنداق چاغلاردا كۆرگەن چۈشلەرمۇ شۇنداق تاتلىق بولىدىكەن،كىچىچە ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر-بىرىمىزگە بىېقىشىپ ياكى ئۇ پۇتۇمغا بېشىنى قويۇپ ياتقان مەن ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقان................
ئۈن دىداردىن ئۆز دىدارنى ئىزدەپ........
ئۈن دىداردىكى ئۈزۈلمەس سۆھبەت بىزنى تېخىمۇ ئىنتىزار قىلدى،كۆرۈشمەكچى بولدۇق.يۈرەكلىرىم قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك سوقسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىشنى خالايتتى.ھېلىمۇ تەتىلگە ئاز قالغان مەۋسۈم ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا خىزمەتتىكى بوشاڭلىقىم ئانچە چېنىپ كەتمىدى،ھازىرقى ئۇنىڭغا بولغان قىززىقىشىم تۇرمۇشىمدىكى ھەممە نەرسىنى كۆزۈمگە كۆرۈنمەس قىلىۋەتكەن ئىدى،ئۈزەمنىڭ كىملىكىنى ،جەمئىيەتتىكى ئورنىنى،باشقا بىرىنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىكىمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ئىدىم ھەتتا قايسى كۈنى ئۇنىڭ مۇھەببىتىڭىز بارمۇ ،دىگەن سوئالىغا يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ <يوق>دەپ جاۋاپ بەردىم...........
كۆرۈشمەكچى بولدۇق،ئۇنىڭ ئىشى چىقىپ قالغاچقا سىرتتا ساقلىماقچى بولدۇم.توپتوغرا ئالتە سائەت ئازراقمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي ساقلىدىم،خەۋەر يوق.قانداق ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن كىچە سائەت12بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.ئۈزەمنى تۇتىۋېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا <ئالدامچى>دەپ ئۇچۇر ئەۋەتتىم،دەرھال جاۋاپ كەلدى،ئۇ مىنىڭ سىرتتا شۇنچە ئۇزۇن ساقلىغىنىمنى بىلىپ ھەيران قالدى ،چۈشەندۈردى ،كەچۈرۈم سورىدى...ئاخىرى راست گەپنى قىلدى،ھاراق ئىچكەنلىكىنى ،مەس بولۇپ كەتكىنىنى ،ساقلاش جەريانىدا بىر ئۇچۇر ئەۋەتىۋەتكەن بولسام ئىشلارنىڭ بۇنداق بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى،ھازىر قەيەردىلىكىمنى ،يېنىمغاكىلىدىغىنىنى ئېيتتى.....ئۇ ھاراق ئىچكەن ئادەمگە ئۆچلىكىمنى بىلەتتى،ئەلۋەتتە يېرىم كىچىدە مەس بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىدىغان ئەقىلسىزلاردىن ئەمەسمەن،مۇشۇ ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارمۇ يىتەر،تېلفوننى ئىتپلا ئۇخلۇدۇم............
ئەتىسى تېلفوننى ئاچتىم،كىچىچە ئۇچۇر دىگەننى يېزىپ قويۇپتۇ.....بەك ھاكاۋۇر بۇ يىگىت،بىلىمىمۇ بار تەققى تۇرقىمۇ ناھايتى جايىدا ھال تارتسىمۇ يارىشىدۇ لېكىن بۇنداق تەكرار ئۇچۇر يېزىش ئادىتى پەقەتلا يوق ئىدى،تۇرۇپلا ئەنسىردىم،بەڭۋاش كۆڭلۈم ئۇنىڭ ساقلىقىنى بىلىشكە ئالدىرىدى،ئۇچۇر ئەۋەتتىم:
-ساقمۇسىز؟-ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن جاۋاپ كەلدى:
-بەك مىجەزىم يوق،ھەممە يېرىم ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ،-بۇ گەپنى ئاڭلاپ تىپىرلاپ كەتتىم،نەدىلىكىنى سورىدىم.ئۇ ئاخشام بەك مەس بولۇپ كەتكەچكە ئۆيگە قايتالمىغىنىنى،ئاغىنىسىنىڭ بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغىنىنى،ئورنىدىن تۇرالمايۋاتقانلىقىنى،بولسا مىنىڭ مۇزدەك سۇ بىلەن ناشتىلىق ئەكىلىپ بېرىشىمنى ئېيتتى.ئاھ خۇدا،،نىمە دىگەن تەس ئىش بۇ،،،قانداق قىلاي مەن ئەمدى..............سائەتكە قارىدىم،12بولغانىدى.چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بولغاچقا مەكتەپتىن ئوقتەك چىقتىم،ئىچىملىك،گۆشنان،لۆڭگە،پايپاق،ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىك،مىۋە-چىۋە ئىشقىلپ تاللا بازىرىدىن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى ئالدىم،ئۇدەپ بەرگەن ئادرسقا قاراپ توختاپ قالدىم، بارىدىغىنىڭ قانداق جاي،سەن كىم ،ئۈزەڭنى بېسىۋال خىياللىرىم مىنى توختىتىۋالدى.ئەقلىم ئوتتەك ھىسياتىمدىن غالپ كىلىپ بارماسلىق قارارىغا كەلدىم لېكىن ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ چىدىمىدىم،تېلفوننى قولۇمغا ئېلىپ نۇمۇس ھەم غۇرورۇمنى قايرىپ قويۇپ دوستۇمغا تېلفون قىلدىم ،بىر دوستۇم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىمنى ،كۆرۈشكۈم يوقلىقىنى بىراق ھازىر ياردەم قىلمىسام بولمايدىغانلىقىنى دەپ ئۇنىڭ قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئاپىرىپ بېرىشىنى ئېيتتىم.....
-ھازىرلا بارىمەن،يەنە نىمە لازىم؟-ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم،مىنى ئوبدانلا چۈشىنەتتى ،خاراكتېرىمدىن مىنىڭ بارمايدىغانلىقىمنى ئاللىبۇرۇنلا بىلىپ بولغانىدى:
-ئۆزىڭىز كىلەمسىز،-دەپ سورىدى.يالغان گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق،ئۈزەمنىڭ ئۇنداق يەرلەرگە ھەرگىزمۇ دەسسىمەيدىغانلىقىمنى،ئۇنىڭغا كېرەكلىك ھەممە نەرسىنى ئېلىپ دوستۇمدىن ئېۋەتكىنىمنى،ھازىرلا يىتىپ بارىدىغانلىقىنى دىدىم،بەش مىنۇت ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىن خەت كەلدى:
-رەخمەت ،سىزنى ئاۋارە قىلدىم،دوستىڭىز كەلمىسۇن، مەن سىرتقا چىقىپ كەتتىم!
شۇنىڭدىن باشلاپ سەل يىرىگلىشىپ قالغان بولساقمۇ ئىزدىشىپ تۇردۇق ئەلۋەتتە،ئۈن دىداردا.بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز تېلفون نومۇرۇمنى سورىدى ئۇھ،ئاخىرى سورىدى ،سورىمىسىمۇ دەپ بېرىشنىڭ ئۇرنى يوق يا ئۈزەم سورىيالماي بەك ئىچىم سىقىلغان،دەرھال ئەۋەتىپ بەردىم.كەچ بولغاندا ماڭا تېلفون قىلدى،ئىككى سائەت پاراڭلاشتۇق،ئۆمرۈمدە ھېچكىم بىلەن بۇنچە ئۇزۇن پاراڭلىشىپ باقمىغان......گەپتىن-گەپ چىقىپ كىنو كۆرۈشنىڭ گىپى بولدى،مەن ئادەتتە تىلۋوزۇرنىمۇ ئانچە كۆرۈپ كەتمەيدىغىنىمنى،باشلانغۇچ مەكتەپتە كوللىكتىپ مەجبۇرىي كىنوغا ئاپارغاندىن باشقا چوڭ بولۇپ كىنوخانىغا كىرىپ باقمىغىنىمنى ئېيتتىم،ئۇ كۈلۈپ كەتتى...ئەتە مىنى كىنو كۆرۈپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدى ،مەن دەرھال قوشۇلدۇم.......
بىر كۈن ۋاقتىمنى ياسىنىشقا سەرپ قىلدىم،چاچلىرىمنى ئاتۇرۇپ،يۈزلىرىمنى قاتۇرۇپ دىگەندەك قىلىدىغان قېلىق بولسا ھەممىنى قىلىپ تەييار بولدۇم،ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرشۇمغا ئىكرامنىڭ ئاتا-ئانىسى كىرىپ كەلدى....ئۇلار رەسمىيەتلىرىمنى بىجىرىپ بولغاچقا مىنى تۇيۇقسىز خوش قىلىپ مۇبارەكلىگىلى كىرگەنىدى،ئايلىنىپ كەتكىلى تاسلا قالدىم،ئۇ سىرتتا ساقلاۋاتىدۇ،،قۇدىلار پاراڭلىشىۋاتىدۇ،،سائەت 12دىن ئاشقاندا مىھمانلار چىقىپ كەتتى،تېلفونغا قارىدىم:
-قايسى كۈندىكى ئۆچىڭىزنى ئېلىۋالغان بولسىڭىز كېرەك،-دەپ يېزىلغان ئۇچۇرى تۇراتتى.ئەتىسى بىر كۈن جىمجىتلا ئۆتتى،بۈگۈن ئىكرام ئىككىمىزنىڭ ئىشىدىن خەۋىرى بار دوسلۇرۇم ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي يىغىلىشتى.شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم:
-بىز كۆرىشەيلى،-جاۋاپ كەلدى:
-قاچان،-مەن ھازىرلا كۆرۈشكۈم بارلىقىنى ئېيتتىم،ئۇ بىر مىھماندارچىلىق ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ،ئىككى كۈندىن كىيىن قەشقەرگە ماڭىدىغانلىقىنى،بۈگۈن چوقۇم ساقلىشىمنى ئېيتتى.ھازىرمۇ سائەت11يېرىمدىن ئاشقان ئىدى،ساقلىسام ساقلىدىم بۈگۈن كۆرۈشكىنىم كۆرۈشكەن..............داشىمىندىكى خۇڭفېڭ قەھۋەخانىسدا كۆرۈشىدىغان بولدۇق،بۇيەرگە كىلىپ ساقلىغىنىمغىمۇ يېرىم سائەت بولۇپ قالغاندا ئۇچۇر كەلدى:
-مەن كەلدىم ،قايسى ئورۇندا؟-ئۇنىڭغا خەت قايتۇرۋېتىپ سائىتىمگە قارىدىم....
بۇۋاقىت دەل 2012-يىلى6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت1:10ئۆتكەن چاغ ئىدى...........ئاھ،قىسمەت بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن سۈنئىي ھەمراھ ۋاستىسى بىلەن مىنى ئۇنىڭغايولۇقتۇرۇپ مۇھەببەتسىز ياشىغان تۇرمۇشىدا مۇھەببەتنى بار قىلدىڭ،ئەمدى بۈگۈن يەنە يۈزتىرانە ئۇچراشتۇرۇپ ئوتلىرىدا كۆيدۈرۈپ خارقىلارسەنمۇ....كۆڭلۈمنى بۇنىڭغا بەرگۈزۈپ،ئۈزەمنى باشقا بىرىگە يار قىلارسەنمۇ.....ئۇنى قانداق تېز ئەكەلگەن بولساڭ ،شۇنچە تېز ئىلىپ كىتىپ ماڭا بۇ ئالەمنى تار قىلارسەنمۇ ...................؟
ئۈن دىدارنىڭ سوۋغىسى-تۇنجى مۇھەببەت
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،بەلكىم بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا مۇھەببەتنى بەك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۋېتىپتۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن،لېكىن مۇشۇ قۇرلاردىكى سۆزلىرىمنىڭ راستلىقىغا چوقۇم ئىشىنىڭ......
ئۈزەممۇ ھەيران ،ئۇ ئىشىكتىن كىردى،چوقۇم شۇ دىدىم،بىلەمسىزيۈرۈكۈم ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى تونىۋالدى.ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتى،يەرگە شۇنداق قاتتىق دەسسەپ ماڭىدىكەن خۇددى مەندەك.ئىككى تەرىپىگە قاراپمۇ قويماي ئۇدۇل يېنىمغا كەلدى،ئۆز سەزگۈسىگە شۇنچىلىك ئىشىنىدىكەن، خۇددى مەندەك.شۇنداق سالاپەتلىك ئىكەن، خۇددى مەندەك.ئوتتۇر بوي ،كىلىشكەن،تەمكىن،جۇشقۇن ئىدى ،،،خۇددى مەندەكلا..ئىۋەنسىز ئىدى...بىر ماركىنىڭ ئۇ ئەرەنچە ،مەن ئايالچە لېكىن باشقا جايلىرى تۈپتىن ئۇخشاش مەسھۇلاتىغا ئوخشايتتۇق...................
-بۇ يەردە ئولتۇرايلى،-ئۇ پەردىلەر بىلەن ئورالغان خالى ئورۇننى كۆرسەتتى،مەنمۇ تۈزۈت قىلمايلا يۆتكەلدىم،يىگىت مەس ئىدى،بىرەر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن كىچىككىنى ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىپ گەپ باشلىدى:
-ھە،،ئۈزەمنى كۆرۈپ جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ،سىز مىنىڭ ھەممىدىن قايسى يېرىمنى ياقتۇردىڭىز دىگەن سوئالىمغا،چىرايىڭىزنى دەپ جاۋاپ بەرگىنىڭىز ئىسىڭىزدىمۇ،ئەمدى دەڭە راسلا شۇنچە چىرايلىقمىكەنمەن؟-دەپ سورىدى.نىمىسىنى دەي ئومىقىم،ئادەم بالىسىنىڭ سىزدەك چىرايلىقىنى،سىزدەك مىھرى ئىللىقىنى ئۇچراتمىغانىدىم دەيمۇ،ياق،مەن بىر قىز بالا.دەرھال ئۆزەمگە قايتتىم-دە،كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
-ئادەتتىكىدەك،-دەپ جاۋاپ بەردىم.جاۋابىمدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،قاراڭغۇ قەھۋەخانا ئۇنىڭ كۈلكۈسىدىن يورۇپ كەتتى،توۋۋا،،بىر كىنودا سىز ناخشا ئېيتسىڭىز ،پۈتۈن جاھان سىزگە جۆر بولۇپ بىللە ئېيتىدۇ دىگەن جايلىرىنى كۆرۈپ،نىمانچە ئاشۇرۋېتىدىغاندۇ دەپ غۇدراپ قويغانىدىم،مانا ھازىر ئۇ كۈلىۋىدى ئۇنىڭغا جۆر بولۇپ پۈتۈن كائىناتنىڭ كۈلىۋاتقىنىنى كۆردۈم.يەنە گەپ باشلىدى،ئارلىقتا مىنى ماختاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.ئۇنى-بۇنى بۇيرۇپ ئۈستەلنى لىق توشقۇزۇپ،توسىغىنىمغا ئۇنىماي ھاراق ئىچىشكە باشلىدى،خىزمەت مۇھىتىدىن تارتىپ ئائىلە ئەھۋالىغىچە ،جەمئىيەتتىكى ئورنىدىن تارتىپ دوسلىرى ئىچىدىكى تەسىرىگىچە تولۇق سۆزلىدى.گەپلىرىدىن ئاتا-ئانىسىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ تولىمۇ كۈچلۈكلىكى،باشقىلار ئالدىدىكى ئوبرازىغا بەكلا دىققەت قىلىدىغىنى چىقىپ تۇراتتى،ماڭا ئوپمۇئوخشاش بۇ مىجەزلىرىڭىزنى قانداق قىلاي دىدىم ئىچىمدە.ئۇ گىپىنى تۈگەتكەندىن كىيىن سوئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى،ئەمدى سۆزگە چىقىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەنىدى............................
كەسپىم توغرىسىدائازراق،خاراكتىرىم توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ ئۇزۇندىن بېرى چەتئەلگە چىقىش يولىنى مېڭىۋاتقىنىمنى،بۈگۈن رەسمىيەتلىرىمنىڭ پۈتكەنلكىنى،ئۇزۇن ئۆتمەي ئوقۇشقا بارىدىغىنىمنى ،بۇ يەردىكى ئازغىنە ۋاقتىمنى خوشال ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىمنى دەپلا گەپنى تاماملىدىم.ئۇ تۇيۇقسىزلا يېنىمغا ئۆتۈپ ئولتۇردى،ھاراقنىمۇ ئىچىپ بولغانىدى،بىئارام بولىۋاتقىنىنى ئېيتىپ مۆرەمگە بېشىنى قويۇپ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى...........شۇ ئارىدا ئىشتىن چۈشىمىز دەپ كىرگەن مۇلازىمنىمۇ دەخلى قىلماسلىقىنى ئۆتۈنۈپ چىقىرۋەتتىم،مانا ئۇ قۇچىقىمدا يىنىك تىنىپ ئۇخلاۋاتىدۇ،قوللىرىمىز قاچانلاردا تۇتىشىۋالدى بىلمىدىم ،مەندە ھېچقاچان بۇنداق تۇيغۇلار بولۇپ باقمىغان،ھېچقاچان بۇنداق تەلپۈنۈشلەر بولۇپ باقمىغان،بۇ تۇنجى قېتىمى،تۇنجى قېتىم ................
قۇچىقىمدا ئاي ئۇخلاۋاتىدۇ،يۇلتۇزلار ئۈستىمىزدە بىزگە قاراۋاتىدۇ،ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان قوللىرىم تىتىرەپ پۈتۈن جىسمىم شامدەك ئېرىپ كىتىۋاتىدۇ،كۆزىمدىن مۇھەببەت ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ياشلىرىم تۆكىلىۋاتىدۇ،يۈرىكىم نالە قىلىۋاتىدۇ:
-ئاھ،شۇنچە گۈزەل تۇيغۇلارنى،تۇنجى مۇھەببەتنىڭ مىھرىنى ماڭا ئەمدى 28يېشىمدا ئاتا قىلغان قۇدرەتلىك ئىگەم،،،ئۆتۈنەي،،،بىزنى ئايرىمىغىن.....................!
ئۈن دىدار -يەنە بىر قېتىم ئەسقاتتى!
تاڭ ئاتقۇچە ئۇنڭغا تويماي قاراپ،چاچلىرىنى سىلاپ ئولتۇردۇم.ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ماڭا بولغان قىزىقىش ئالامەتلىرى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.تاڭمۇ ئاتتى،بىز خوشلاشتۇق،بىر-بىرىمىزدىن تولىمۇ تارتىنپ يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئايرىلدۇق.ئەتىسى ئۇ ئاتا-ئانا دىدارىنى ئزدەپ قەشقەرگە،مەن رەسمىيتىمنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئىستىقبال ئىزدەپ بېيجىڭغا ماڭدۇق.ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ دېڭىز سۈيىدەك تىنىچ ئۆتكەن تۇرمۇشۇمنىڭ ئەمدى دولقۇنلاۋاتقىنىنى،كىيىنكى كۈنلىرىمنىڭ كۆرەش قىلىپ ياشاشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ھىس قىلماقتا ئىدىم.ئاھ ، قىسمەتلىرىم مىنى مۇشۇنداق ئۇچۇرۇپ يەنە قەيەرلەرگە ئېلىپ بارارسەنكىن تاڭ؟
رەسمىيەتلىرىمنى ناھايتىمۇ ئوڭۇشلۇق پۈتتۈردۈم،ھەپتە ئىچىدە قايتىپ كەلدىم.بۇ جەرياندا پەقەت بىر قېتىملا تىنىچ-ئامان بارغىنىمىزنى سورىشىپ ئەھۋاللاشتۇق كىيىن ئالاقىلاشمىدۇق.لېكىن بۇ بىر ھەپتىنى قانداق ئۆتكۈزگۈنۈمنى بىلمەيمەن،قايتىپ كەلگەن كۈنى دوسلىرىمنىڭ زورى بىلەن ئوينىغىلى باردۇق شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدىم ،ئەزمەمنى ئېزىپ خەت يېزىپ ئولتۇرغىچە دەپ دەرھال تېلفون قىلدىم.ئەھۋال سورىشىپ كەچتە كۆرىشىدىغان بولدۇق.شۇ ئارىدا ئېكرام تېلفون قىلدى ،ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن تېلفوندا كۆرۈشتى،ھەممەيلەن بىلەن بىرەر قۇر سۆزلىشىپ بولۇپ تېلفوننى سىرتقا چىقىپ ئېلىشىمنى ئېيتتى.تولىمۇ خوشال ئىكەنلىكىنى،پات ئارىدا كىلىدىغىنىنى،توي قىلساق ماڭا مەڭگۈ سادىق بولىدىغىنىنى،كۆز قارچۇقىدەك ئاسرايدىغىنىنى،مەندەك ياخشى ،قابىلىيەتلىك،ئەخلاقلىق،ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئۆزىدىن باشقىغا نەزىرىنى سېلىپ باقمىغان غۇبارسىز ھەمراھقا ئېرىشكىنى ئۈچۈن چەكسىز پەخىرلىدىغىنىنى ئېيتتى.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈزۈم قىزىرىپ ،ئۆپكەم ئۆرۈلدى.ئۈن دىداردىكى ئۇنىڭ قاچان قايتىسىزساقلاۋاتىمەن دىگەنگەپلىرىگە قارىماي يۈرۈكۈمگە تاشنى قويۇپ ئۆيگە قايتتىم......
ئەتىسى بىر كۈننى چىۋىن يەۋالغاندەك غەشلىكتە ئۆتكۈزدۈم،ئىچىم سىقىلىپ چىدىيالماي كەچتە سۇ ئۈزگىلى يۇيۇنۇش ئورنىغا باردىم.دوسلىرىم بىلەن بىللە خېلى كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى،مەسلىھەتلىشىپ قونۇپ قالماقچى بولدۇق.سۇ ئۈزدۇق،بەدەن چېنىقتۇردۇق،تاماق يىدۇق.تولىمۇ كۆڭۈللۈك لېكىن خىيالىم يەنىلا ئۇنىڭدا....سائەتكە قارىدىم،كىچە سائەت ئىككى بولغان ئىدى.بىر خەت يېزىپ باقاي بەلكم ئۈن دىدارنى تاقىۋەتتى ۋە ياكى بۇ چاغقا ئۇخلاپ بولدى،بەرىبىر جاۋابى كەلمەيدۇدەپ ئۆز-ئۈزەمنى ئالداپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم:
-ئۇخلاپ قالدىڭىزمۇ؟-دىگەن خېتمغا دەرھال جاۋاپ كەلدى،ئۇ تېخى ئۇخلىماپتۇ.
-تۆنۆگۈن تېلفونۇمنىڭ توكى تۈگەپ كەتتى دىدىم مەن يالغان ئېيتىپ.
-ھازىر سىز نەدە؟
-يۇيۇنۇش ئورنىدا.
-مەن بارايمۇ؟
-ياق ،مەن يالغۇز ئەمەس،دوسلىرىم بار.
-يەنە كۆرۈشەلمەيدىكەنمىزدە؟-ئاھ يۈرۈكۈم ئىگىسىنىڭ بۇ گەپلىرىگە قانداقمۇ چىدىسۇن،دەرھال جاۋاپ قايتۇردۇم:
-ياق ،كۆرۈشەيلى،-ئىكرامغا بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم بىلەن پىكىرىگە بويسۇندۇم.
-مەن يېنىڭىزغا بارمىسام،بۇ كىچىدە نەدە كۆرىشىمىز؟
-سىز نەدە؟-سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
-مەن ئۆيدە،ئەگەر باشقىچە ئويلىمىسىڭىز ئۆيگىلا كىلەمسىز يا،سىز بار يەرگە يېقىن؟-ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن تۇرۇپلا قالدىم.دىمىسىمۇ بۇ چاغدا نەگە بېرىش مۇمكىن،بېرىشقا ماقۇل بولدۇم.ئۈن دىداردا تونۇشقان بۇ ناتونۇش يىگىت ماڭا ئاجايىپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بەرگەنىدى،دوسلىرىمنى ئۇنى -بۇنى دەپ ئۇخلىتىپ تەييارلىقلىرىمنى پۈتتۈرۈپ سائەت تۆت بولغاندا ئۇ دەپ بەرگەن ئادرس بويىچە ئۆيىنى ئاسانلا تېپىپ بېرىۋالدىم،بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ماڭا بىر نەچچە قېتىم تېلفون قىلغىنىدىن تولىمۇ خوشال ئىدىم.
ئۆيگە كىرىشىمگە ئۇ چىكىلداپ كەتتى،يەنىلا بىر-بىرىمىزدىن تارتىنىپ ئارانلا ئولتۇردۇق.ئۆيىدە قونۇپ قالدىم بەلكىم باشقىچە ئويلاردا بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن ،خاتالاشماڭ ،ھېچنىمىگە مەجبۇرلانمىدىم،ئۇ نىڭ ئەنە مۇشۇ تەرىپىنى ياقتۇراتتىم،گەپ-سۆزنىمۇ ئۇ پەقەت بىرلا قېتىم قىلاتتى قايتا تەكرارلىمايتتى ياكى ئۆزپىكرىنى تاڭمايتتى،شۇڭا ئۇنىڭ قېشىدا ئۈزەمنى تولىمۇ ئەركىن ،بىخەتەر ھىس قىلاتتىم.
پاراڭدىن،ئوتلۇق بېقىشلار،ئوتلۇق بېقىشلاردىن،قوچاقلاشلار ھەممىسى ئىختىيارىم بىلەن....ئۇنىڭ باغرىدا ئېرىپ كىتىۋاتاتتىم،ئۇنى چىڭ قۇچاقلايتتىم ،توختىماي سۆيەتتىم،ئۇ مىنىڭ ئۆزىنى بۇنداق ساراڭلارچە ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلمىگەچكە ھەيرانلىق ئىلكىدە ماڭا بويسۇناتتى.كەل ئومىقىم،،يېقىنراق كەل،سىنى باغرىمغا بېسىۋالاي...بىرنى بولسىمۇ ئارتۇق سۆيىۋالاي..تەغدىر بىزنى ئۆمۈرلۈك جۈپلەردىن قىلماپتۇ ياكى تونۇشتۇرماي قويماپتۇ..ئەمدى مۇشۇنداق تەستە ئۇچراشتۇرغاندا بولسىمۇ چاچلىرىڭنى سىلىۋالاي...ھىدلىرىڭنى پۇرىۋالاي....كەلگىن ئامرىقىم...................
ئۈن دىداردا -ئالدامچىلىق قىلغانغا تويە!
ئەتىسى چۈش بولغاندا ئالدىراپ دوسلىرىمنىڭ يېنىغا چاپتىم،يەنە شۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە يەردىن ئۈستۈن قارىيالماي خوشلاشتۇق.تاڭ ئاتقاندىن بېرى تېلفونۇم دەششەت يۈزۈمنى قىلدى،ئىشقىلىپ مەن تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى تېلفون ئۇرۇپ چىقتىغۇ دەيمەن.ئۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ بەكلا نومۇس قىلدىم،ئۇنىڭ ئالدىدا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايتتىم.مانا مۇشۇ ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن كىيىن ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي مەپتۇن بولۇپ قالغانىدىم،ئۇ بىر مىنۇتمۇ خىيالىمدىن كەتمەيتتى،گەرچە يالغۇز يۈرسەممۇ خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىم،ئۇخىياللىرىمدا بولسىمۇ ماڭا ھەمراھ بولمىغىنىدا ئۇنىڭسىز ھەرگىزمۇ ياشىيالمايتتىم.
چوڭلارنىڭ ئۆي زىننەتلەشكە چۈشكىنىگە قاراپ توي قىلىدىغىنىم يادىمغا كەلدى،توي كۈنىنى بىكىتتۇق،ئىكرام مىنىڭ كەسپىمنى كۆزدە تۇتۇپ بىر كۈندە قوش خوشاللىق بولسۇن ھەم ئەھمىيەتلىك بولسۇن دەپ 9-ئاينىڭ 10-كۈنىنى بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى،ھەممەيلەن قوشۇلدى.مانا مىنىڭ توي كۈنۈم يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى...ئەمدى قانداق قىلاي،بۇ ئىشلارنى كىمگىمۇ دەي،مۇشتەك يۈرىكىم بۇ ئىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغانىدى.ئامالسىز تەقدىرگە تەن بەرمەكچى بولدۇم،مەن ئۈزەمنى باشقۇرالمايمەن،ئۇماڭا قارىمىسىلا باشقا ئامال قىلالمايتتىم،جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ غورورۇمنى يەرگە ئۇرمايتتىم.ئۇ تېخىمۇ شۇنداق ئىدى،ئەگەر مىنىڭ بۇ ئىشلىرىمنى ئۇقسا ماڭا ھەرگىزمۇ قارىمايتتى.
يۈرىكىم بىر ساڭا سوقسىمۇ ئۇزاق،
تەغدىرىم بۇرۇنلا قۇرغانكەن توزاق.
سۆيسەممۇ سىنىلا دىلىمدىن شۇنداق،
تەڭرىمنىڭ بەرگىنگە ئېرىشتىم بىراق.
مەن تەن بەردىم،28يېشىمدا يولۇققان تۇنجى سۆيگۈمدىن،يۈرەك تارىمنى چەككەن ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن،جېنىمدىن ئەزىز كۆرىدىغان ئومىقىمدىن ۋاز كىچىپ تەغدىرنىڭ پىشانەمگە پۈتكەن توغرا قىسمەتلىرى بويىچە ياشاشقا تەن بەردىم.ئۇنىڭغا يۈزتىرانە مۇھەببەت ھىكايەمنى سۆزلەشتىن خىجىل بولۇپ ئىككى يىل بۇرۇن ئىكرام بىلەن توي خېتىگە چۈشكەن رەسىمنى ئۈن دىدار بوشلۇقۇمغا يوللاپ قويدۇم.بۇنى ھەممە دوسلىرىم كۆرەلەيتتى،بارلىق دوسلىرىم ماڭا خوشاللىق ۋە بەخت تىلىدى.بىردەمدىن كىيىن ئۇنىڭمۇ ماڭا بەخت تىلەپ قالدۇرغان ئۇچىرىنى تاپشۇرۋالدىم....
قان قۇسۇۋەتكىلى تاسلا قالدىم،ئىچىم ئازاپتىن ئۆرتىنىپ تولغىنىپ كەتتىم.ئاھ تەڭرىم،ماڭا بۇنداق تەڭسىزلىك قىلغۇچە جېنىمنى ئالساڭچۇ؟ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ ماڭا بەخت تىلەپ يازغان خېتىنى كۆرسەتكىچە كۆزلىرىمنى كور قىلساڭچۇ؟ئاھ زىمىن ،پۈتۈن جىسمىم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ كۈل بولغۇچە،ئۇنىڭ ئالدىدا ئىزا ھەم نۇمۇستىن يۈرىكىمنى پارە-پارە قىلغۇچە مىنى قوينۇڭغا ئالساڭچۇ؟
ئاھ،،رەھىمسىز تەغدىر،،،، 9-ئاينىڭ 10-كۈنىنى ماڭا توي كۈنۈم ئەمەس ،مۇسىبەت كۈنۈم قىلىپ ئېپكەلسەڭچۇ؟
ئۈن دىداردا-ئۈنسىز كۈنلەر
قورقۇنۇچلۇق كۈنلەر مانا مۇشۇنىڭ بىلەن باشلاندى،ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بەلكىم ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز مەن ئۈچۈن ئۇنىڭسىز كۈنلەرنىڭ ئەڭ قۇرقۇنۇچلۇق كۈنلەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىڭىز ھەقاچان. ساقلىدىم،ھېچ خەۋەر يوق،ئامالسىز ئۈن دىداردا ئۇچۇر يازدىم جاۋاپ يوق،ئىزلىدىم ئىز دېرىكى يوق،تېلفوننىمۇ ئالمىدى .قويغان تۇتقىنىمنى بىلمىدىم،تەتىل كۈنلىرىم بولغاچقا خىزمەتنىڭ بېسىمى يوق ئىدى،بىراق خىزمەت ۋاقتىمدىمۇ بوش ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئىككىنچى كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان روھىمدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.بۇ مۇھەببەت مىنى ئۆزىگە شۇنچىلىك قارىتىۋالغان ئىدىكى كەسپ بىر ياندا قېلىپ ئۆزەممۇ ئۆز ئىسىمدىن ئۇنتۇلغان،تاماقمۇ زەھەر،دوسلىرىم دۈشمەن،ئۇيقۇدىن بىدار،ھەممىدىن بىزار،پەقەت بىر ئۇنىڭغىلا ئىنتىزار،مۇھەببىتىگە زار،بىر كۆزۈشكە خار بولۇپ كەتكەنىدىم.
ئازراق غەيرەت قىلىپ ئۆزەمنى ئوڭشاپ بۇرۇنقى ئۇسۇلۇم بويىچە كەسىپتىكى قابىلىيتىمنى نامايەن قىلىپ ئۆزەمگە تەسەللى ئىزدىمەكچى بولدۇم،بىر نەرسە يېزىش ئۈچۈن قەلەم تۇتقان قوللىرىم ئۇنىڭ ئىلھامى بىلەن شېئر يېزىشقا كىرىشتى:
جىسمىمغا قالدۇرغان ھىدىڭنى پۇراپ،
ئۆتكۈزدۈم كۈنلەرنى يولۇڭغا قاراپ.
كەلمىسەڭ تەييارمەن ساچىمنى تاراپ،
بېرىشقا ئالدىڭغا مۇھەببەت سوراپ.
ئوتۇڭدا قىينىلىپ ئازاپ چەككۈچە،
كۆرەلمەي ۋەسلىڭنى خازان بولغۇچە.
سىنىڭسىز بۇ ھالىم يامان بولغۇچە،
باراي مەن يېنىڭغا مۇھەببەت سوراپ.
ئۇنتۇشقا ئامالسىز سۆيگەنلىرىڭنى،
قانداقمۇ يوشۇراي كۆيگەنلىرىمنى.
رازىمەن بېرىشكە ئالساڭ جېنىمنى،
جان ئاتاپ كەلدىمغۇ مۇھەببەت سوراپ.
ئۈن دىداردا-ئۈنسىز لېكىن ئازاپلىق كۈتۈش
سۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلىش ئازابىنىڭ قانچىلىك يامانلىقىنى ،كۈتۈشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى مانا مۇشۇ مىنۇتلاردا چوڭقۇر ھىس قىلماقتىمەن.بۇرۇن مۇھەببەتنىڭ كەينىگە كىرىپ چۈشكشنلىشىپ كەتتىڭ،ئەرزىمەس مۇھەببەت ئۈچۈن ئىستىقبالىڭغا ئاساس سالىدىغان ياخشى ۋاقىتلارنى ئۆ