شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسى 5-ئايدا ئامېرىكىدىكى 15 جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنى ئەرز قىلغان. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى (SAT) دا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قوللانغان بولۇپ، بىرلىشىپ سۇيىقەست قىلىش، ساختا پاسپورت ياساش ۋە ئالاقە ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايەت نامى بىلەن ئەيىبلەندى.
يېقىندا 24 ياشلىق باش جىنايەتچى توڭ خەن جىنايىتىنى بوينىغا ئالغان بولۇپ، ئۇ 2011-يىلى ساختا ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئامېرىكا پېتىسبېر ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Pittsburgh) غا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزى باشقىلارغا ساختا ئىمتىھان نەتىجىسى ياساپ بېرىدىغان ۋە ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىدىغان «مەرگەن» گە ئايلانغان. توڭ خەننىڭ ئىقرار قىلىشىچە، 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە ئۇ 7 كىشىلىك تەشكىلات قۇرۇپ، SAT ، GRE ، TOEFL قاتارلىق ئىمتىھانغا جەمئىي 10 قېتىم ۋاكالىتەن قاتناشقان. ھەر قېتىم باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئىمتىھانغا قاتناشقاندا بۇ مەرگەن 2000 ئامېرىكا دوللىرى ھەق ئالغان. 7ساختا پاسپورت ياساپ ساتقان.
«پېتىسبېر گېزىتى» بۇ توغرىسىدا «توڭ خەننىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 55 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە تۆلەشكە دۇچ كەلمەكتە» دەپ خەۋەر يازغان.
بۇ دېلودىكى تۇنجى بولۇپ ئىقرار قىلغان جاۋابكار لى بىيۈەن ئۆزىنىڭ 6 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرگۈچى تاپقانلىقىنى، 2014-يىلى ساختا نەتىجە بىلەن يوھانس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى (The Johns Hopkins University)، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Pennsylvania )، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Columbia University in the City of New York) قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. مەرگەن توڭ خەننىڭ تەكشۈرۈشتىن بىخەتەر ئۆتۈشى ئۈچۈن لى بىيۈەن يىراق ئارىلىقتا تۇرۇپ، توڭ خەننىڭ رەسىمى بار ئەمما ئۆزىنىڭ كىملىك ئۇچۇرى بار ساختا پاسپورت ياسىغان.
بۇ دېلودا ئەڭ يېنىك جازا ئۇچرىغان جاۋابكار ئامېرىكا چېگراسىدىن قوغلانغان.