تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بوۋاقلارنىڭ سۈت چىشى قانداق قوغدىلىدۇ ؟

     بوۋاقلارنىڭ سۈت چىشىنى قوغداشتا تۆۋەندىكى تۈرلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؛

1.توغرا بولغان بېقىش ئۇسۇلىنى تاللاش. مەسىلەن ؛ بوۋاقنى ئىمىزگە چىشلىتىپ ئۇخلاتماسلىق، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا چىش ئۇزاق ۋاقىت سۈتكە چىلىنىپ چىرىشتىن چىشنىڭ قۇرتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. توغرا بولغان ئۇخلاش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش . دائىم بوۋاقنىڭ ئۇخلاش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، ئادەت خاراكتىرلىك دائىم بىر تەرەپكە قارىتىپ ياتقۇزماسلىق ، بولمىسا سۆڭەكنىڭ نۇرمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىش بىلەن بىللە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىشنىڭ نۇرمال ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

3.مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق بولۇش. تاماق تاللىماسلىق ، ئاقسىل ، كالتىسىي چە ھەر خىل مىكرو ئىلمىنتلارنى يېتەرلىك تولۇقلاپ ، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق چىشنىڭ نۇرمال ئۆسۈشىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش .

4. تازىلىقنى ياخشى قىلىش. بوۋاق چىش چوتكىلاشنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى  ھەر قىتىم بوۋاقنى ئىمىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئاز قايناقسۇ ئىچكۈزىۋىتىش ئارقىلىش ئېغىزدا قىپ قالغان سۈت ۋە تاماق يۇقۇندىلىرىنى پاكىزلاش.

5. بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە بالىغا چىش چوتكىلاشنى ئۆگىتىش كېرەك . بوۋاققا چىش چىقىش مەزگىلىدە ، بىر قىسىم پېچىنە ، موما پارچىسى قاتارلىق قاتتىقلىق دەرىجىسى ئوتتۇرىھال بولغان يېمەكلىكلەرنى يىگۈزۈشكە بولىدۇ. بۇنداق چايناش ئارقىلىق سۈت چىشنىڭ چىقىشىنى ئۈنۈملۈك ئىگىرى سۈرگىلى ،چىش ئەگمىسى ۋە ئېڭەكنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

6. قەرەللىك (ئاز دىگەندىمۇ يىرىم يىل ) دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بوۋاقنىڭ چىشىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك .

 مەنبە ؛ بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەققىدە 200 مەسلىھەت


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز