ياڭيۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئېتىش ئۇسۇلى نۇرغۇن بولۇپ، كىشىلەر ھەرخىل پىشۇرۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنداقتا تەمى ياخشى، ياخشى سۈپەتتلىك ياڭيۇنى قانداق تاللايمىز؟
شەكلى: يۇمىلاق،ئۇزۇن يېپىشقاق بولۇش. بۇنداق بولغاندا تەملىك، يېيىشلىك بولۇپ. ئاسان يۇمشاق پىشىدۇ، قورۇپ يېيىشقا تەملىك.
يۈزى: يۈزى قۇرۇق، سۇلۇق قاپارتما بولمىغان. ياڭيۇنىڭ يۈزى يىرىك بولمىغان، پارقىرىغان سىلىق بولۇش، بۇنداق بولغاندا ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.
رەڭگى: رەڭگى سۇز سېرىق بولۇش. ياڭيۇنىڭ سىرتقى يۈزى سۇز سېرىق بولغاندا ئىچىمۇ سۇز سېرىق بولۇپ، كراخمال ماددىسى كۆپ بولۇپ، تەملىك بولىدۇ.سىرتقى يۈزى يېشىل بولغان ياڭيۇنى يېسە بولمايدۇ.